Uyghur主要词典
لىئەن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <قاغاش>، كۆچمە مەنىسى <قەسەم> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ كونا زاماندىكى شەرىئەتنىڭ نىكاھغا خاتىمە بېرىش تەرتىپىدىن ئىبارەت. شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە ئەر كىشى خوتۇنىنى زىناخورلۇق قىلدى دەپ يالغان ئېيتسا، زىيانكەشلىك قىلىش گۇناھى بىلەن چارە كۆرۈلىدۇ. لېكىن، شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن تۆت گۇۋاھچى ئورنىدا تۆت قېتىم قەسەمن ئىچسە بولىدۇ؛ خوتۇن كىشىمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئۆزىنى ئاقلىسا بولىدۇ. بۇ تەرتىپىدىن كېيىن مەھكىمە شەرئى ئەر - خوتۇنلارنى نىكاھىدىن ئاجراشتۇرۇۋېتىدۇ. يېقىنقى زاماندىكى شەرىئەت ئىسلاھاتى ئارقىلىق بۇ تەرتىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.