Uyghur主要词典
لۈيۈنتىڭ
دۇنيا تارىخى
(1886 - 1947) چاۋشيەنلىك ئىنقىلابچى. تەخەللۇسى مېڭ ياڭ. كيوڭگى دودىكى ئوتتۇرا مۈلۈكدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1914 - يىلى جۇڭگوغا كېلىپ نەنجىڭ - جىنلىڭ ئونىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، كېيىن ئوقۇشتىن چېكىنىپ، شېئىرخې كىتابخانىسىدا خىزمەتچى بولغان. 1918 - يىلى <يېڭى چاۋشيەن ياشلار پارتىيىسى> نى تەشكىللىگەن. 1919 - يىلى 1 - مارت ھەرىكىتى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ شاڭخەي شەھىرىدە <چاۋشيەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى>نى ئۇيۇشتۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشپ، ۋاقىتلىق پارلامېنت ئەزاسى بولغان. شۇ يىلى 11 - ئايدا ياپونىيىگە بېرىپ، سىياسىي ساھەدىكى مۆتىۋەرلەرگە ۋەز ئېيتىپ، چاۋشيەننىڭ مۇستەقىللىكىنى تەلەپ قىلغان، يېڭىلگەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا كەلگەن. 1920 - يىلى كورىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىەە قاتنىشىپ، ئىككىنچى يىلى موسكۋاغا بېرىپ يىراق شەرق مىللەتلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1929 - يىلى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقتىن، ئەنگلىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، كېيىن ياپونىيە ئۆتكۈزۈۋېلىپ، چاۋشيەنەە يالاپ كېلىپ ئۈچ يىل ئەمگەككە سالغان. 1933 - يىلى <مەركەز گېزىتى>نىڭ باشلىقى بولغان. 1944 - يىلى سېئۇلدا چاۋشيەن دۆلەت قۇرۇش ئىتتىپاقىنى مەخپىي تەشكىللىگەن ھەمدە ئۇنىڭ مۇدىرى بولغان. ئىككىنچى يىلى 8 - ئايدا ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئىتتىپاقنى چاۋشيەن دۆلەت قۇرۇش تەييارلىق كومىتېتىغا ئۆزگەرتكەن. شۇ يىلى 9 - ئايدا چاۋشيەن خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، ئوڭچىلار ۋە ئامېرىكا ھەربىي دائىرلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ مەغلۇپ بولغان. 12- ئايد اخەلق پارتىيىسىنى تەشكىللەپ، رەئىس بولغان. 1946 - يىلى 29 سولچى تەشكىلاتنى بىرلەشتۈرۈپ، دېموكراتىزملىق مىللىي سەپنى ئۇيۇشتۇرغان، يەنە ئامېرىكا ھەربىي دائىرلىرىنىڭ دۈشمەنلىك قىلىشى ۋە لىسىنماننىڭ بوزغۇنچىلىق قىلىشى بىلەن مەغلۇپ بولغان. 1947 - يىلى لىسىنمان ئەۋەتكەن قاتىل تەرىپىدىن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن.