Uyghur主要词典
لىباس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كىيىم - لىباس؛ سوۋغا، تارتۇق:
سۆز، ئىبارە؛ ئاجايىپ مەنىلىك سۆز:
كىيىپ ئالا - يېشىل ھەررەڭ لىباسىن،
نەمايشقا بەلەند ئەيلەپ ھەۋاسىن.
خىرقەتى.
بېرىپ فوتە بىرلە چىرايلىق لىباس،
لىباسىمنى بىر بىر قىلىپ ھەم مىساس.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
2. شاھىدى مەئنىغە ئەرشى كىيدۈرۈپ تۈرلۈك لىباس،
كۆرگۈزەي ئەمدى خىرەد ئەھلىغە سېئئەتسازلىق.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كىيىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەدەننى يېيېش ئۈچۈن كىيىلىدىغان، رەخت ۋە تېرىدىن تىكىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى.
ئادەم ئەسكىسى ئەمەس، كىيىم ئەسكىسى. كىيىم - كېچىكىڭ تازا بولسا، كۆڭلۈڭ شاد بولىدۇ. ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا، ئۈستباشتا. بولمايدۇ چاپلاشقا تەنگە ئېڭلنى، ئۆگەنگىن مەردلەردىن ئەدەب - ئەقلىنى. ئالىيجانابلىق لىباستا ئەمەس، ئەخلاقتا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت. كىيىم؛ ئۈستى كىيىم.
مانجۇچە لىباس كىيىپ، بېلىگە شەمشەر ئاسقان تۇغبېگى شامەخسۇتنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇراتتى.