Uyghur主要词典
لۇئى بۇناپارت
دۇنيا تارىخى
(1) (1778 - 1846)، فرانسىيەلىك ھەربىي، گوللاندىيە كورۇلى (1806 - 1810). ناپولېئوننىڭ ئىككىنچى ئۇكىسى، ناپالېئون Ⅲ نىڭ دادىسى. ياش ۋاقتىدا فرانسىيەنىڭ شالون ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان. ناپولېئونغا ئەگىشىپ 1796 - 1797 - يىللاردىكى ئىتالىيە سوقۇشى ۋە 1798 - 1799 - يىللاردىكى مىسىر سوقۇشىغا قاتناشقان. 1802 - يىلى مەجبورىي ھالدا يوسفېننىڭ قىزى ئاۋتانس بۇ ئارىنىي بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. 1804 - يىلى جياڭجۈنلۈككە كۆتۈرۈلگەن. 1805 - يىلى پارىژ شەھەر مۇداپىئەسىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1806 - يىلىدىن باشلاپ گوللاندىيىگە كورۇل بولغان. گوللاندىيەنىڭ مىللىي مەنپەئىتىنى قوغداپ، چوڭ قۇرۇقلۇق قامال قىلىش سىستېمىسىغا قاتنىشىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ناپولېئون بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. 1810 - يىلى ناپولېئون گوللاندىيىگە قوشۇن ئەۋەتىپ، ئۇنى فرانسىيەگە قوشۇۋەتكەن، لۇئى قېچىپ كەتكەن. ئۇ ئىتالىيدە ئۇزاق مۇددەت تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاپ، ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. <گوللاندىيە ھۆكۈمىتى توغرىسىدىكى تارىخىي ھۆججەتلەر> دېگەن ئەسىرى، شېئىرلىرى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرى بار. (2) <ناپولېئون Ⅲ>كە قاراڭ.