Uyghur主要词典
لۇبلىن ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
پولشا بىلەن لىتۋا كىنەزلىكىنىڭ بىرلىشىش شەرتنامىسى. 1569 - يىلى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى لۇبلىن (پولشانىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) شەھىرىدە ئىمزالانغان. شەرتنامىدە: پولشا بىلەن لىتۋا بىرلىشىپ پولشا - لىتۋا پادىشاھلىقى (پولەك تىلىدىكى رەسمىي نامى بولۇپ، مەنىسى <جۇمھۇرىيەت>) قۇرۇلىدۇ، پارلامېنت سايلىمى ئارقىلىق كېلىپ چىققان كورۇل ھىمايە قىلىنىدۇ. بىرلىككە كەلگەن پۇل سىستىمىسى تىكلىنىدۇ ۋە بىر تۇتاش دىپلوماتىيە سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەر ئىككى تەرەپ ئىچكى ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا مەمۇرىي ئاپپارات، سوت مەھكىمىسى، خەزىنە ۋە ئارمىيە قۇرىدۇ دەپ بەلەىلەنگەن. قوشۇلۇش ئىككى دۆلەت فېئوداللىرىنىڭ ئوكرائىنا بىلەن بېلورۇسىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتكەن. 1791-يىلى شەرتنامە بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمەليەتتە بۇ ئىتتپاق 1795-يىلغىچە داۋاملاشقان.