Uyghur主要词典
لۇت ئەلەيھىسسالام
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان شەخس. ئاللانىڭ ئەلچىلىرىنىڭ بىرى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئاللا ئۇنىڭغا ئەقىل - پاراسەت ۋە بىلىم بېرىپ، ئۇنى ئۆز قوۋمىدىكىلەرنى بىر ئاللاغا ئىشىنىشكە، بەچچىۋازلىق، بۇلاڭچىلىق قىلماسلىققا دەۋەت قىلىشنى بۇيرۇدى. بۇ كىشلەر ئۇنىڭ پەند - نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمىدى. كېيىن لۇت ئەلەيھىسسالام ئۆيىدە ئاللا ئەۋەتكەن پەرىشتىلەرنى كۈتۈۋالدى. ئار - نومۇسنى بىلمەيدىغان بۇ بىر توپ مەلئۇنلار يوپۇرۇلۇپ كېلىپ بۇ مېھمانلار بىلەن كۆڭۈل ئاچماقچى بولدى. پەرىشتىلەر لۇت ئەلەيھىسسالامنى ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنى ئېلىپ كېچىلەپ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇدى ھەمدە كەينىگە قارىماسلىقنى تاپىلىدى. سەھەردە چاقماق چېقىلدى. خوتۇنى كەينىگە قارىۋىدى. مەلئۇنلار بىلەن بىر قاتاردا يامغۇردەك يېغىۋاتقان تاشلا ئىچىدە ئۆلدى.