Uyghur主要词典
لېنىن
يۈز مەشھۇر شەخىس
1870 - 1924
لېنىن دېگەن تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان ۋىلادىمىر ئىلىئىچ ئوليانوۋ - روسىيىدە كوممۇنىزمنىڭ ئۇلىنى قۇرغان سىياسىي داھىي. ئۇ كارل ماركسنىڭ سادىق شاگىرتى، ئۇ كارل ماركسنىڭ ئىزىدىن قەدەم بېسىپ ماڭدى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. لېنىننىڭ تۇتقان كوممۇمىزم يولى دۇنيادا تېزدىن تارقالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا زور تەسىرگە ئىگە شەخسلەرنىڭ بىرى دەپ ئېتىراپ قىلىندى.
لېنىن 1870 - يىلى سىمبىرسكى شەھىرىدە (لېنىننى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن بۇ شەھەر كېيىن ئوليانوۋسكى دەپ ئۆزگەرتىلدى) تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئىدى. ئۇنىڭ ئاكىسى بىر ئۆكتىچى بولۇپ، چار پادىشاھقا قارشى سۈيىقەستكە قاتنىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنىدى. لېنىن 23 يېشىدىلا قىزغىن ماركست ئىدى. 1895 - يىلى 12 - ئايدا، ئۇ چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىگە قارشى پائاللىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىندى. تۈرمىدە 14 ئاي ياتقاندىن كېيىن، سىبىرىيىگە سۈرگەن قىلىندى.
سىبىرىيىدىكى ئۈچ يىللىق سۈرگۈن تۇرمۇش جەريانىدا، لېنىن بىر ئايال ئىنقىلابچى بىلەن توي قىلدى ۋە بۇ جەرياندا <روسىيىدە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتى> دېگەن كىتابنى يېزىپ چىقتى. 1900 - يىلى، ئۇ سۈرگۈن مۇددىتى توشۇپ، ياۋروپاغا باردى. ئۇ يەردە 17 يىلنى ئىنقىلاب ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزدى. لېنىن ئەزا بولغان سوتسىيال دېموكرات ئىشچىلار پارتىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئۇ كۆپ سانلىقلارنىڭ يەنى بولشېۋىكلارنىڭ داھىيىسى بولدى.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى لېنىنغا ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردى. چۈنكى بۇ ئۇرۇش روسىيە ئۈچۈن ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىر قېتىملىق ئاپەت ئىدى، شۇڭلاشقا خەلق چارىزم تۈزۈمىگە تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى. 1917 - يىلى 4 - ئايدا، چار پادىشاھ تۈزۈمى ئاغدۇرۇلدى. روسىيە بىر مەھەل دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولدى. چار پادىشاھنىڭ ئاغدۇرۇلغان خەۋىرىنى ئاڭلىغان لېنىن دەرھال روسىيىگە قايتىپ كەلدى. لېنىن ناھايىتى ئۆتكۈر ئىدى. ئۇ دېموكراتلار پارتىيىسى گۇرۇھى گەرچە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكىنى سەزدى؛ ئادەم سانى ئاز، لېكىن تەشكىلاتى ناھايىتى چىك بولغان كوممۇنىستىك پارتىيە بۇ ياخشى پۇرسەتنى تۇتۇپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭلاشقا لېنىن بولشېۋىكلارنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا كوممۇنىستىك پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنى دەسسىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەچكە لېنىن بىر مەزگىل يوشۇرۇنۇۋالدى. 7191 - يىلى 11 - ئايدىكى يەنە بىر قېتىملىق ھەرىكەتتە، لېنىننىڭ پارتىيىسى غەلىبە قىلدى. ئۇ دۆلەت باشلىقى بولدى.
دۆلەت باشلىقى بولغان لېنىن ئۈچۈن، كوممۇنىزم تۈزۈمىنىڭ ئۇلىنى تۇرغۇزۇش ناھايىتى تەسكە توختىتىدى؛ لېنىن دۆلەت ئىگىلىكىنى سوتسىيالىزم ئىگىلىكىگە ئۆزگەرتىش جەريانىدا، جاپالىق خىزمەت قىلدى. ئۇ ئۆزىگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قوياتتى.
ئۇزۇن ئۆتمەي يەرلەنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزدى.
1922 - يىلى لېنىن توساتتىن ئېغىر كېسەلگە گرىپتار بولۇپ، تا 1924 - يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلەلمەي خىزمەت قىلالمىدى. ئۇنىڭ جەسىتى چىرىشتىن ساقلاش تېخنىكىسى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، تا بۈگۈنگە قەدەر موسكۋا قىزىل مەيداندىكى لېنىن ماۋزولېيىدا ساقلانماقتا.
لېنىن - روسىيىدە كوممۇنىزم دۆلىتى قۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى، ئۇ ماركسنىڭ تەلىماتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.
1917 - يىلىدىن باشلاپ، كوممۇنىزم تەلىماتى ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقىلىشقا باشلىدى، ھازىر دۇنيانىڭ 3/1 قىسمىغا يېقىن ئاھالە كوممۇنىزم پرىنسىپلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. گەرچە، لېنىن بىر مەشھۇر سىياسىي داھىي بولسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭ نوپۇزى ۋە تەسىرى ئۇنىڭ ئەسىرىدە (تەخمىنەن 55 توم) كۆرۈلىدۇ. ئۇ ئىنقىلاب تاكتىكىسىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇ ئىنقىلابىي زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى يۈرگۈزۈشنىمۇ تەكىتلىگەنىدى. لېنىن دەۋرىدىن باشلاپ، كوممۇنىستىك تۈزۈمنى تاللىۋالغان دۆلەتلەر ھاكىمىيەت ۋە ئاخبارات، بانكا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىقلارنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇنداق تۈزۈمنى ئۆزگەرتمىدى ياكى بۇنداق تۈزۈمگە قارشى چىقمىدى.
روشەنكى، كوممۇنىزم - تارىختا ئۇلۇغ ئەھمىيەتكە ئىگە ھەرىكەت، لېنىن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي سىياسىي ئىقتىدارى روسىيىدە كوممۇنىزم تۈۋرۈكىنى مۇستەھكەملەشتىكى ھەل قىلغۇچى ئامىل بولۇپ قالغانىدى.
دۇنيا تارىخى
(22 . 4 . 1870 - 21 . 1 . 1924) ماركىس، ئېنگلېس ئىشلىرى ۋە تەلىماتىنىڭ ۋارىسى، پۈتۈن دۇنيا پرولېتارىياتىنىڭ ئۇلۇغ ئۇستازى ۋە داھىيىسى. سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە سابىق سوۋېت سوتسىيالىستىك دۆلىتىگە ئاساس سالغۇچى. ئەسلى فامىلىسى ئۇليانوۋ بولۇپ، روسىيەنىڭ سىمبىرسك دېگەن يېرى (ھازىرقى ئۇليانوۋىسكى) دە تۇغۇلغان. دادىسى ئۆلكىلىك خەلق مائارىپ مۇپەتتىشى، ئانىسى دوختۇرنىڭ قىزى. 1887 - يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قازان ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ قانۇن فاكۇلتىتىغا كىرىپ ئوقۇغان. بىرنەچچە ئايدىن كېيىن ئىلغار ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە پائال قاتناشقانلىقتىن قولغا ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنغان. ئىككىنچى يىلى 10 - ئايدا قازانغا قايتىپ كېلىپ، فېدوسېۋنىڭ ئىنقىلابىي گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، ماركسنىڭ <كاپىتال> قاتارلىق ئەسەرلىرىنى بېرىلىپ مۇھاكىمە قىلغان. 1889 - يىلى كۈزدە سامارا (ھازىرقى كۇيبېشېۋ)غا كۆچۈپ كېلىپ، شۇ يەردىكى تۇنجى ماركسىزملىق گۇرۇپپىنى تەشكىللىگەن. 1893 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا پېتېربۇرگقا كۆچۈپ كېلىپ، روسىيىدە ماركسزملىق پارتىيە قۇرۇش يولىدىكى خىزمتىنى باشلىغان. 1894 - يىلى <>خەلق دوستىلىرى< دېگەن نېمە ۋە ئۇلار سوتسىيال دېموكراتلارغا قانداق ھۇجۇم قىلىدۇ؟>نى يېزىپ، نارودنىكلارنىڭ نەزەرىيىۋى نۇقتىئەنەزەرلىرى ۋە سىياسىي پروگراممىسىنى تەنقىد قىلىپ، تارىخىي ماتېرىيالىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى شەرھلىگەن؛ ئىشچىلار سىنپىنىڭ ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلغۇچى سىنىپ بولۇشىدىكى ئۇلۇغ تارىخىي رولىنى دەلىللەپ، ئىشچى - دېھقانلار ئىتتپاقى ئىدىيىسى ۋە ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرۇشتىكى ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرغا قويغان. 1895 - يىلى كۈزدە، لېنىن پېتېربۇرگدىكى بارلىق ماركسزمچى ئىشچىلار گۇرۇپپىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشچىلار سىنىپىنى ئازاد قىلىش كۈرىشى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، روسىيىدە تۇنجى قېتىم سوتسىيالىزم بىلەن ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ بىرلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. شۇ يىلى 12 - ئايدا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان؛ 1897 - يىلى 2 - ئايدا سېربىيىنىڭ يېنسەي ئۆلكىسىگە سۈرگۈن قىلىنغان، تۈرمە ۋە سۈرگۈن جەريانىدا داۋاملىق ئىنقىلابىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، نەزەرىيىۋى ئەسەرلەرنى يازغان. 1899 - يىلى <روسىيىدە كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتى>نى يېزىپ چىقىپ، ماركسىزملىق ئىقتىساد تەلىماتىنى تەتبىق قىلىپ، روسىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەھلىل قىلىپ، روسىيە ئىنقىلابىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى شەرھلەپ، نارودنىكلارغا ئىدىيە جەھەتتە ئەجەللىك زەربە بەرگەن. 1900 - يىلنىڭ باشلىرىدا سۈرگۈن مۇددىتى توشۇپ 7 - ئايدا چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن. چەت ئەلدە ماركسىزمچىلارنىڭ روسىيە بويىچە تۇنجى سىياسىي گېزىتى - <ئىسكرا> گېزىتىنى نەشىر قىلىپ، روسىيىدە ماركسىزملىق سىياسىي پارتىيە قۇرۇش ئۈچۈن ئىدىيە ۋە تەشكىلىي جەھەتتىكى تەييارلىقلارنى قىلغان. شۇ يىلى 12 - ئايدا <جۇڭگودىكى ئۇرۇش> نى يېزىپ، چار پادىشاھ روسىيىسىنىڭ جۇڭگودا تاجاۋۇز قىلىش، جۇڭگودىكى يېخېتۇەن ھەرىكىتىنى باستۇرۇش، جۇڭگو خەلقىنى قىرغىن قىلىشتەك قانلىق جىنايىتىنى ئېچىپ تاشلاپ ۋە ئەيىبلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشىگە سەمىمىي ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1901 - 1902 - يىللىرى <نېمە قىلىش كېرەك؟> دېگەن كىتابنى يېزىپ، ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ ستېخىيىلىكىگە چوقۇنۇپ، سىياسىي كۈرەشنى ئىنكار قىلىدىغان ئاغمىچىلىق نۇقتىئىنەزەرلەرنى تەنقىد قىلغان. ئىنقىلابىي نەزەرىيىنىڭ ئىشىچلار سىنىپىي كۈرىشىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى شەرھلەپ، بېرنىشتىيىنچىلىقنىڭ روسىيدىكى ئۆزگەرگەن تۈرى - ئىقتىسادۋازلىقنى تارمار قىلغان. 1903 - يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ 2 - قۇرۇلتىيدا، كەسكىن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، قۇرۇلتايغا پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاساسىي ۋەزىپە قىلىنغان پارتىيە پروگراممىسىنى ماقۇللاتقان. قۇرۇلتايدا پارتىيە قۇرۇش تەشكىلىي پرىنسىپىدا كەسكىن ئىختىلاپ بولغانلىقتىن، لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشىۋىكلار ۋە مارتوۋ باشچىلىقدىكى ېنشۋىكلار شەكىللەنگەن. 1904 - يىلى <بىر قەدەم ئالغا، ئىككى قەدەم ئارقىغا>نى يېزىپ، مېنشېۋىكلارنىڭ تەشكىلىي مەسىلىلەردىكى ئاغمىچىلىقنى تەنقىد قىلىپ، پرولېتارىيات پارتىيىسىنىڭ تەشكىلىي پرىنسىپىنى تۈزۈپ چىقىپ، پرولېتارىيات پارتىيىسى توغرىسىدىكى تەلىماتىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلىگەن. 1905 - يىلى روسىيە ئىنقىلابىي پارتلىغاندىن كېيىن، 7 - ئايدا <سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ دېموكراتىك ئىنقىلابتىكى ئىككى تاكتىكىسى>نى يېزىپ، مېنشېۋىكلارنىڭ پرولېتارىياتنى بۇرژۇئازىيىگە تىز پۈكتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشتەك ئاغمىچىلىق لۇشيەنىدىن ئۈزۈل - كېسىل ھېساب ئېلىپ، بولشېۋىكلارنىڭ ئىنقىلابتىكى تاكتىكىلىق لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، پرولېتارىياتنىڭ دېموكراتىك ئىنقىلابتىكى رەھبەرلىك ھوقۇقى، ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقى ۋە بۇرژۇئا دېموكرتىك ئىنقىلابىنى سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىغا بۇراش قاتارلىق مەسىلىلەرنى دەلىللەپ، ماركسىزمنىڭ پرولېتارىيات ئىنقىلابىي توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى بېيىتقان. 11 - ئايدا چەت ئەلدىن پېتېربۇرگقا قايتىپ كېلىپ، ئىنقىلابىي كۈرەشكە بىۋاستە رەھبەرلىك قىلىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئىشچى - دېھقانلار ئىنقىلابىي دېموكراتىك دىكتاتۇرىسىنى ئورنىتىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرغانق. 1907 - يىلى ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن. ستولپىن ئەكسىيەتچىل يىللىرىدا، پارتىيىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىنقىلابىي كۈچلەرنى توپلاش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ھەمدە نەزەرىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1908 - يىلى <ماتېرىيالىزم ۋە تەجرىبە تەنقىدچىلىكى> نى يېزىپ، ئېنگېلس ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى ئىلىم - پەن تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىلىرىنى يىغىنچاقلاپ، رېۋىزىئونىزم ۋە بۇرژۇئا ئىدېئالىزمىنى چوڭقۇر تەنقىد قىلىپ، پەلسەپىنىڭ پارتىيىۋىلىك پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پرولېتارىيات پارتىيىسىنىڭ دۇنيا قارىشىنى قوغداپ، دىئالېكتىك ماتىرىيالىزملىق بىلىش نەزەرىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. شۇنداقلا يەنە روسىيەنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئىنقىلابنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مەخپىي خىزمەت بىلەن قانۇنلۇق خىزمەت بىرلەشتۈرۈلگەن تاكتىكىلىق لۇشيەنىنى يولغا قويۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى بۇرژۇئازىيىنىڭ قانۇنىيلىقىغا چوقۇنىدىغان ۋە پارتىيىنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىكار قىلغۇچىلارغا ھەمدە قانۇنلۇق پۇرسەتتىن پايدىلىنىشنى رەت قىلىپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنى ئايرىپ تاشلايدىغان چاقىرىۋالغۇچىلارغا شۇنداقلا كېلىشتۈرمىچىلىك ۋىۋىسكىسى ئاستىدا بىكار قىلىش مەسلىكىنى بازارغا سالىدىغان تروتىسكىچىلارغا قارشى تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئوپپورتۇنىستلىرىنىڭ روسىيە پارتىيىسى ئىچىدىكى بىكار قىلىش مەسلىكى تەرەپدارلىرىنى قوللىشىغا تاقابىل تۇرغان. روسىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىكى ۋەكىلى بولغان (1905 - يىلىدىن باشلاپ) مەزگىلدە، ئىجرائىيە بيۇرۇسى يىغىنى ۋە ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇلتىيىغا كۆپ قېتىم قاتنىشىپ، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئاغمىچىلىرى كاتتىباشلىرى بىلەن دەلمۇدەل كۈرەش قىلغان. 1912 - يىلى 1 - ئايدا پراگادا ئېچىلغان. 6 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا رەھبەرلىك قىلىپ، مېنشېۋىكلارنى پارتىيىدىن تازىلاپ چىقىرىپ، بولشېۋىكلار پارتىيىسىنى رەسمىي مۇستەقىل پارتىيىگە ئايلاندۇرغان. 1914 - يىلى 7 - ئايدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ماركسزم تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزم پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ماركسىزمچىلارنى قولغا كەلتۈرۈپ ۋە ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئوپپورتۇنىستلىرىنىڭ ئۆز مەملىكىتى بۇرژۇئازىيىسىگە قول چۇماق بولۇپ، سوتسىيال شوۋىنىزمنى تەرغىپ قىلىشقا قارشى مۇرەسسەسىز كۈرەش ئېلىپ بارغان. <ئۇرۇش ۋە روسىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى> (1914) دېگەن خىتابنامىسى ۋە <ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ بەربات بولۇشى> (1915) دېگەن ئەسەرلىرىدە سوتسىيال شوۋىنىزمنىڭ سىنىپىي مەنبەسى، سىياسىي مەزمونى ۋە ئۇنىڭ پرولېتارىياتقا بولغان غايەت زور زىيىنىنى ئېچىپ تاشلىغان. ماركسىزمنىڭ ئۇرۇش ۋە تىنچلىق، پرولېتارىيات ئىنقىلابىي توغرىسىدىكى نەزەرىيە ۋە تاكتىكىلىرىنى دەلىللەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، <جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلاندۇرۇش> دېگەن ئىنقىلابىي شوئارنى ئوتتۇرغا قويغان. جاھانگىرلىكنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ۋە سىستىمېلىق تەتقىق قىلش ئارقىلىق، كاپىتالىستىك ئىقتىساد ۋە سىياسەتنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تەكشىسىزلىك قانۇنىيىتىنى كەشىپ قىلغان. 1915 - يىلى 8 - ئايدا يازغان <ياۋرۇپا فېدېراتسىيىسى شوئارى توغرىسىدا> دېگەن ئەسىرىدە سوتسىيالىزم ئاز ساندىكى ھەتتا ئايرىم بىر كاپىتالىستىك مەملىكەتتە ئالدى بىلەن غەلىبە قىلىشى مۇمكىن دېگەن مۇھىم يەكۈننى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويغان. 1916 - يىلى <جاھانگىرلىك كاپىتالىزمنىڭ يۇقىرى باسقۇچى> نى يېزىپ، <كاپىتال> نەشىر قىلىنغاندىن كېيىنكى يېرىم ئەسىر جەريانىدىكى كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى يەكۈنلەپ، جاھانگىرلىكنىڭ ماھىيىتى، ئالاھىدىلىكى ۋە زىددىيىتىنى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، كائۇتىسكىچىلىقنى ئۈزۈل - كېسىل تەنقىد قىلىپ، جاھانگىرلىك پرولېتارىيات سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسى ئىكەنلىكىنى، جاھانگىرلىك ۋە پرولېتارىيات ئىنقىلابىي دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. مىللىي مۇستەملىكىچىلەر مەسىلىسى ئۈستىدىكى ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرۇپ، شۇ يىلى <سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى>، <ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش مەسىلىسى ئۈسىتىدىكى مۇنازىرىنىڭ يەكۈنى> قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ، پرولېتارىيات پارتىيىسىنىڭ مىللىي مۇستەملىكىلەر مەسىلىسى توغرىسىدىكى پروگرامما ۋە سىياسەتلەرنى شەرھلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆپلەپ پەلسەپە خاتىرىلىرى يېزىپ، دىئالىكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان. 1917 - يىلى روسىيە فېۋرال ئىنقىلابىي چار پادىشاھ تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى (رۇس كالېندارى بويىچە 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى) چەت ئەلدە پېتروگرادقا قايتىپ كېلىپ، ئىككىنچى كۈنى يازغان. <ئاپرېل تېزىسلىرى> دا بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىدىن سوتسىيالىستىك ئىنقىلابقا ئۆتۈش فاڭجېنىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئارقىدىنلا بولشۋىكلار پارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيال ئىنقىلابچىلار پارتىيىسى، مېنشېۋىكلار ۋە پارتىيە ئىچىدىكى ئاغمىچىلارنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن مۇرەسسەلىشىشتەك ئەكسىلئىنقىلابىي لۇشيەنىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئاممىنى ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تەربىيلەش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش يولىدا جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، مەخپىي ھالەتكە كۆچۈشكە مەجبور بولغان؛ 8 - 9 - ئايلاردا <دۆلەت ۋە ئىنقىلاب> نى يېزىپ چىقىپ، دۆلەت ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى مەسىلىسىدە ماركسىزمنى قوغداپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، بۇرژۇئا دۆلەت ماشىنىسىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، پرولېتارىيات دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ۋەزىپىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ ھالاك بولۇپ بېرىشىنىڭ ئىقتسادىي ئاساسىنى بايان قىلىپ، كوممۇنىزم جەمئىيىتىنىڭ ئىككى باسقۇچىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. 9 - ئايدىكى مەركىزىي كومىتېتىغا يازغان خېتىدە ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش چاقىرىقىنى ئوتتۇرغا قويغان ھەمدە قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ كونكرېت پىلانىنى تۈزۈپ چىققان. 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى (روس كالېندارىدا 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى) پېتروگراد ئۆكتەبر قوراللىق قوزغىلىڭىغا بىۋاستە رەھبەرلىك قىلىپ، بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئىككىنچى كۈنى پۈتۈن روسىيە سوۋېتىنىڭ 2 - قۇرۇلتىيىدا <تىنچلىق پەرمانى> ۋە <يەر پەرمانى> نى جاكارلىغان ھەمدە بىرىنچى نۆۋەتلىك سوۋېت خەلق كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ پومېشچىك ۋە كاپىتالىستلارنىڭ مۈلۈكچىلىكىنى بىكار قىلىپ، ئاغدۇرۇلغان ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلارنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇپ، يېڭى پرولېتارىيات دۆلەت ئورگىنىنى قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك ئىگىلىكنى تەشكىللىگەن. 1918 - يىلى 3 - ئايدا تروتىسكى ۋە بۇخارىننىڭ توسقۇنلىقىنى يېڭىپ، گېرمانىيە بىلەن <برېست سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ۋاقىتلىق ئارام ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئىگىلىكنى تەرتىپكە سېلىپ، قىزىل ئارمىيىنى قۇرۇپ چىققان. 4 - ئايدا <سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىلىرى>نى ئېلان قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ۋە قۇرۇلۇشنىڭ پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىققان. 6 - ئايدا سوتسىيال ئىنقىلابچىلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئېغىر زەخمىلەنگەن. 1918 - 1920 - يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلدە، پارتىيە ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، جاھانگىر قوراللىق مۇداخىلىچىلىرىنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭنى تارمار قىلىپ، ياش سوۋېت دۆلىتىنى قوغداپ قالغان. مۇشۇ مەزگىلدە يەنە <پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ۋە خائىن كائۇتىسكى> (1918) دېگەن كىتابنى يېزىپ، كائۇتىسكى ۋەكىللىكىدىكى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئاغمىچىلىرىنى تەنقىد قىلغان. ئارقىدىنلا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <ئۇلۇغ باشلىنىش>، <پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى دەۋرىدىكى ئىقتىساد ۋە سىياسىي> قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى مەزگىلىدىكى سىنىپىي كۈرەشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش - پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنىڭ ئاساسىي ۋازىپىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيىنى شەرھلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە خەلقئارا ئىنقىلابىي كۈچلەرنى پائال ئىتتىپاقلاشتۇرغان ۋە ئۇيۇشتۇرغان. 1919 - يىلى 3 - ئايدا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال (يەنى 3 - ئىنتېرناتسىئونال)نى قۇرۇپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ دەسلەپكى بىرنەچچە قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا بىۋاستە رەھبەرلىك قىلغان. 2 - قۇرۇلتايدا ماركسىزملىق نۇقتىئىنەزەر ئارقىلىق مىللەت ۋە مۇستەملىكە مەسىلىلىرىنى شەرھلەپ، پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى ۋە ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىشى توغرىسىدىكى ئىدىيىنى چوڭقۇر بايان قىلغان. 1920 - يىلى 6 - 4 - ئايلاردا <كوممۇنىزم ھەرىكىتدىكى بالىلارچە، >سولچىللىق< كېسىلى>نى يېزىپ، ئوكچىل ئاغمىچىلىقنىڭ خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىدىكى ئاساسلىق خەۋپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن بىللە، غەربىي ياۋرۇپا ئەللىرىدىكى ياش كومپارتىيىلەر ئىچىدىكى تاكتىكا مەسىلىسىدە مەيدانغا كەلگەن <سول> چىل پىكىر ئېقىملىرىنى تەنقىد قىلىپ، ماركسىزملىق تاكتىكىلىق قائىدىلەرنى مېغىزلىق ھالدا بايان قىلغان. ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دەرھال دۆلەتنىڭ خەلق ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ئىزىغا بۇرۇلۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1920 - يىلى 12 ـ ئايدا پۈتۈن روسىيە سوۋېتىنىڭ 8 - قۇرۇلتىيدا خەلق ئىگىلىكىنى رامانىۋى يىرىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا ئاساسىغا يۆتكەشنى مەقسەت قىلغان روسىيىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغان. 1921 - يىلنىڭ باشلىرىدا، پارتىيىنىڭ 10 - قۇرۇلتىيىدا يېڭى ئىقتىسادي سىياسەتنى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى كوممۇنىزم سىياسىتى ئورنىغا قويۇپ، پۇل - تاۋار مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي باغلىنىشىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، سودىنى جانلاندۇرۇپ، سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تروتىسكى قاتارلىقلارنىڭ پارتىيە ئىچىدكى گۇرۇھۋازلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىگەن. 1922 - يىلنىڭ ئاخىرىدا كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا موسكۋا سوۋېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئىچكى - تاشقى سىياسەتلەر توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ھەمدە 1923 - يىلى <ھەمكارلىق تۈزۈمى>، <مەملىكىتىمىز ئىنقىلابى>، <ئاز بولسۇن، ساز بولسۇن> قاتارلىق مۇھىم ماقالىلەرنى ئېغىزچە ئېيتىپ بېرىپ، سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى خىزمەتلەرنى يەكۈنلەپ، روسىيە سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇشنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. 1924 - يىل 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى موسكۋانىڭ يېنىدىكى گوركىي يېزىسىدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. لېنىن ئۆز ئۆمرىنى روسىيە پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا بېغىشلىغان، پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى ۋە ئېزىلگۈچى خەلقنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا بېغىشلىغان؛ پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەرخىل دۈشمەنلەرگە قارشى كۈرەش جەريانىدا، ماركسىزمنى ئىجادىي تەتبىق قىلىپ، قوغداپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ماركسىزمنى يېپيېڭى باسقۇچ - لېنىنزم باسقۇچىغا كۆتۈرگەن.