Uyghur主要词典
لېنتىنۇس زەمبۇرۇغى
بىئولوگىيە
زەمبۇرۇغلار تىپى، بازىدىيىلىك زەمبۇرۇغلار سىنىپى، قالپاقلىق زەمبۇرۇغلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. زەمبۇرۇغ قالپىقىنىڭ كەڭلىكى 4 - 12 سانتىمېتىر بولۇپ، دەسلەپتە يېرىم شارسىمان، قىرى ئىچىگە قايرىلغان بولىدۇ؛ كېيىن ئېچىلىدۇ، يۈزى قوڭۇر بولىدۇ، زەمبۇرۇغ قالپىقى قېلىن بولۇپ، 3 - 8 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، گۆشلىشىدۇ. زەمبۇرۇغ قاتلىقى ئاق رەڭلىك بولۇپ، ئۇزۇن - قىسقىلىقى بىردەك بولمايدۇ، زەمبۇرۇغ سېپى زەمبۇرۇغ قالپىقىنىڭ مەركىزى ياكى بىر يېنىدا ئۆسىدۇ، سىلىندىرسىمان بولۇپ، دائىم بىر يانغا قاراپ ئېگىلىدۇ، يېرىم گۆشلىشىدۇ، بىرئاز ئېلاستىك ۋە مۇستەھكەم بولىدۇ. ئۆسۈش ھالقىسى تار بولۇپ، توزغاقسىمان قالدۇقلارنى قالدۇرىدۇ. قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە ئېرەن دەرىخى، قىزىل كاشتان، گۈل تەڭگىچىسى، دۇپ دەرىخى، كاشتان، ياۋا سىر دەرىخى قاتارلىقلارنىڭ قورۇغان ياكى ئۆلگەن غولىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ، جۇڭگودا كۆپ ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاساسەن جېجياڭ، فۇجيەن، جياڭشى، خۇنەن، خۇبېي، ئەنخۇي قاتارلىق ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ. خالتىلىق سپورا تېنى خۇش پۇراق، تەمى ئىنتايىن مەززىلىك بولۇپ، ئىستېمال قىلىنىدىغان داڭلىق زەمبۇرۇغ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.