Uyghur主要词典
لىللو
دۇنيا تارىخى
(1867 - 1923) چىلىلىق يازغۇچى. چىلىنىڭ ئاساسلىق كۆمۈركان رايونى - لوتادا دۇنياغا كەلگەن. لىللو ياشلىق دەۋرىدە دائىم شاختىغا چۈشۈپ، خاڭ ئىشچىلىرىنىڭ ئەمگىكى ۋە تۇرمۇشى بىلەن پىششىق تونۇشقان. 1898 - يىلى پايتەخت - سانتىياگوغا كۆچۈپ بېرىپ، سانتىياگو ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىيات بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاساسەن چىلى خاڭ ئىشچىلىرى ۋە باشقا ئەمگەكچىلەرنىڭ ھاياتىنى تېما قىلغان بولۇپ، 19 -ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى چىلى جەمئىيىتىنىڭ رېئاللىقىنى قايتا نامايەن قىلغان. ئۇ پرولېتارىيات تېمىسىنى چىلى ھېكايىچىلىقىغا ئېلىپ كىرگەن پېشۋا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ: <زېمىن ئاستىدا>، <قۇياش ئاستىدا> قاتارلىق ھېكايىلەر توپلاملىرى بار.