Uyghur主要词典
لىمفا
بىئولوگىيە
<لىمفا سۇيۇقلۇقى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لىمفا پلازمىسى ۋە لىمفا ھۈجەيرىسى، يەككە يادرولۇق ھۈجەيرىلەر، ماي توقۇلمىسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان سۇيۇق ھالەتتىكى بىر خىل توقۇلما. لىمفا پلازمىسى قان پلازمىسىنىڭ كاپىلليار تومۇرلار ئارقىلىق توقۇلما ئارىلىقلىرىغا سىڭىپ كىرگەن توقۇلما سۇيۇقلۇقىدىن شەكىللەنگەن. لىمفامۇ قان سۇيۇقلۇقىغا ئوخشاش، لىمفا نەيچىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل نەيچىنى بويلاپ پۈتۈن بەدەننى ئايلىنىپ ئەڭ ئاخىرىدا بويۇن قىسمى چوڭ ۋېناسىدىن ئۆتۈپ قان سۇيۇقلۇقىغا كىرىپ لىمفا ئايلىنىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. لىمفا ئايلىنىشنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى سۇلۇق ئىششىق (ئېدېما) يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛لاتىنچە
ئاناتومىيە
ئورگانىزمدىكى توقۇلمىلار ئارىلىقىنى تولدۇرۇپ تۇرىدىغان تەڭسىز، سۈزۈك سۇيۇقلۇق، تەركىبىدە لىمفا شارچىسى بولۇپ، توقۇلما سۇيۇقلۇقىنىڭ لىمفا نەيچىسىگە سىڭىپ كىرىشىدىن شەكىللىنىدۇ. لىمفا نەيچىسىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋېنا قان تومۇرىغا ئوخشايدۇ. ئۇ بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغىچە تارقالغان. لىمفا ئادەتتە لىمفا نەيچىسى ئارقىلىق ئايلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ۋېنا تومۇرىغا كىرىدۇ ۋە توقۇلما سۇيۇقلۇقىنىڭ قان سۇيۇقلۇقى ئارىسىغا ئېقىپ كىرىشىدە ۋاستىلىك رول ئوينايدۇ.