Uyghur主要词典
لى گوڭيۈەن
دۇنيا تارىخى
(974 - 1028) ۋېيتنام لى سۇلالىسىنى قۇرغۇچى. (1009 - 1028). ئۆلگەندىن كېيىن بېرىلگەن نامى تەيزۇ. بېيجاڭ گۇفا ئايمىقى (ھازىرقى بېينىڭ ئۆلكىسى، سىشەن ۋىلايىتى دۇڭئەن ناھىيىسى) دىن. راھىب ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بۇرۇن ئالدىنقى لى سۇلالىسى سول قول ئوردا مۇھاپىزەتچىلەر قىسىملىرىنىڭ قوماندانى بولغان. ئالدىنقى لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى لى لوڭتېڭ (يەنە بىر ئىسمى جىجوڭ، تارىختا لى جۇچاۋ دەپ ئاتالغان) ئۆلگەندىن كېيىن، 1009 - يىلى ئۆزىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەنق. ئىككىنچى يىلى يىلنامىسىنى شۈنتيەنگە ئۆزگەرتكەن؛ دالونى پايتەخت قىلىپ، شىڭلوڭ (ھازىرقى خانوي) غا ئۆزگەرتكەن. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، مەمۇرىي ۋە ھەربىي تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى 24 ئۆلكىگە بۆلگەن؛ باج - سېلىق ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىققان، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، راھىبلارغا ئېتىبار بېرىپ، بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ چىققان، جۇڭگودىن ترې - پىتاكانى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتكەن.