Uyghur主要词典
لاسسالچىلار
دۇنيا تارىخى
(19 - ئەسرىنىڭ 60 - 70 - يىللىرىدىكى گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى ئاغمىچى گۇرۇھ، لاسسالچىلىققا ئېتىقاد قىلغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. دەسلەپتە بېكېر )1826 - 1882(، شۋېنزېر )1834 - 1875(، كېيىنكى مەزگىلدە ھاسسېلمان )1844 - ؟(، ھاسېنكلېۋېر )1837 - 1889( قاتارلىقلار باشچلىق قىلغان. 1863 - يىلى 5 - ئايدا لاسسالنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان <پۈتۈن گېرمانىيە ئىشچىلار بىرلەشمىسى> بۇ گۇرۇھنىڭ تەشكىلاتى ھېسابلىنىدۇ. لاسسالچىلار ماركىسىزمغا، پرولېتارىيات ئىنقىلابىغا ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرغان. سىنىپتىن تاشقىرى <ئەركىن خەلق دۆلىتى> قۇرۇشنى، <دۆلەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئىشچىلار ئىشلەپچىقرىش كوپىراتىپى> قۇرۇشنى تەرغىپ قىلغان، <تۆمۈردەك ئىش ھەققى قانۇنىيىتى> قاتارلىق ئاغمىچىلىق نۇقتىئىنەزەرلەرنى تەشۋىق قىلغان. سىياسىي جەھەتتە بىسمارك بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، پروسسىيەنىڭ خاندانلىق ئۇرۇشى ئارقىلىق گېرمانىيىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بىرلىككە كەلتۈرۈش يولىنى قوللىغان. ماركس، ئېنگلېس <گوتا پروگراممسىغا تەنقىد> قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۇلارنى قاتتىق تەنقىد قىغان، 70 - يىللاردا لاسسالچىلارنىڭ گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى تەسىرى كۈنسايىن تارايغان. 1875 - يىلى 5 - ئايدا ئېيزىناخچىلار بىلەن بىرلىشىپ گېرمانىيە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى )1890 - يىلى گېرمانىيە سوتسيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن( نى تەشكىل قىلغان.