Uyghur主要词典
لاسسال
دۇنيا تارىخى
(1825 - 1864) گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى ئاغمىچىلارنىڭ ۋەكىلى، ئادۋوكات. يەھۇدىي باي سودىگەر ئائىلىسدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپىنى تەتقىق قىلىپ، گېگېل پەلسەپىسىنىڭ مۇرىتىغا ئايلانغان. 1848 - يىلى گېرمانىيە مارت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. <يېڭى رېين گېزىتى> دە ئىشلىگەن. 1858 - يىلى بېرلىنغا كۆچۈپ كەلگەن. ئىككىنچى يىلى تارىخىي درامىسى <فرانزفون زىجىنگېن> نى يېزىپ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا بولغان ئىنقىلابىي يول ئارقىلىق گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە قارشى تۇرغان. 19 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى، گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىت ئەۋج ئالغان ۋەزىيەت ئاستىدا، ماركسنىڭ ئابرويىدىن پايدىلىنىپ، گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە <بىرلىكتە رەھبەرلىك قىلىش> قا ئۇرۇنۇپ، ماركسنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. 1863 - يىلى <پۈتۈن گېرمانىيە ئىشچىلار بىرلەشمىسى> نى تەشكىل قىلىپ، ئۆزى رەئىسلىكنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئومۇم سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە <دۆلەتنىڭ ياردىمى>گە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرش كوپىراتىپلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق كاپىتالىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتكىلى بولىدۇ، دېگەننى تەرغىپ قىلغان؛ تۆمۈردەك ئىش ھەققى قانۇنىيىتىنى تەرغىپ قىلىپ، كاپىتالىزم شارائىتىدا پرولېتارىياتنىڭ نامراتلىشىشىنىڭ مەنبەسىنى يوشۇرۇپ، پرولېتارىياتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىنكار قىلغان؛ دېھقانلار ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيەنى پۈتۈنلەي ئەكسىيەتچىل بىر توپ دەپ ئاتىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىسمارك بىلەن مەخپىي تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇنىڭ <قان سىياسىتى> نى قوللاپ، ئۇنىڭدىن مەخپىي ھالدا تۇرمۇش پۇلى ئالغان، ئىشچىلار ھەرىكىتىگە خائىنلىق قىلىپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئومۇم سايلام ھوقۇقىنى تىلەپ، گېرمانىيىدىكى ئىلغار ئىشچىلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان؛ ئۇلار پۈتۈن گېرمانىيە ئىشچلار بىرلەشمىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىپ، ئۇنىڭ ئاغمىچىلىق نۇقتىئىنەزەرلىرىنى تازىلاشنى تەلەپ قىلغان. ماركس <گوتا پروگراممىسىغا تەنقىد> قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ ئاغمىچىلىق نۇقتىئىنەزەرلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. 1864 - يىلى 8 - ئايدا دوئىلدا ئوق تىگىپ ئۆلگەن. <ئىشچىلار پروگراممىسى>، <ئوچۇق جاۋاب> ۋە <ئىشچىلار ئوقۇشلۇقى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.