Uyghur主要词典
لاسېدېمون
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنان پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قسىمىدىكى لاكونىيىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى بولۇپ، سپارتا كېلىپ چىققان جاي (سپارتالىقلار قەدىمكى زاماندا دائىم <لاسېدېمونلار> دەپ ئاتالغان). ئېيتىشلارغا قارىغاندا، لاكونىس باش خۇدا زېۋىسنىڭ چوڭ ئوغلى ئىكەن، ئۇ پادىشاھ ئېۋروتاس (لاكونىيە چېگرىسى ئىچىدىكى بىر دەريانىڭ نامى) نىڭ قىزى سپارتاغا ئۆيلىنىپتۇ؛ پادىشاھنىڭ ۋارىسى بولمىغاچقا تەختكە ۋارىسلىق قىلىپتۇ. لاكونىيە لاسېدېمون دەپ ئاتىلىپتۇ، ئۇنىڭ ئاھالىسى لاسېدېمونلار دەپ ئاتىلىپتۇ؛ لاكونىيىنىڭ پايتەختى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى بىلەن <سپارتا> دەپ ئاتىلىپتۇ.