Chinese→Uyghur主要词典
拉玛一世
دۇنيا تارىخى
راما Ⅰ
(1737 - 1809) ئەسلى ئىسمى چاۋپراياچاكرى. سىيام (ھازىرقى تايلاند) باڭكوك خاندانىقىنىڭ ئاساسچىسى. ئەسلىدە سىيام تونبۇرى خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى فراساۋنىڭ قول ئاستىدا ئوفىتسېر بولغان. 1782-يىلى فراساۋنى ئۆلتۈرۈپ ئۆزى پادىشاھ (1782 - 1809) بولغان. ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن پايتەختنى باڭكوكقا كۆچۈرگەن. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كېڭەيتكەن. 1805-يىلى ئىككى قانۇن تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنى دۆلەت قانۇنى قىلغان. 1785-يىلىدىن كېيىن بىرمىنىڭ ھۇجۇمىنى بىر قانچە قېتىم مەغلۇپ قىلغان ھەمدە غەلبىدىن پايدىلىنىپ مالاي يېرىم ئارىلىدىكى كېدا، پاتتانى، تېرېڭگانۇ ۋە كېلانتان قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرغان. جۇڭگو (چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭ بىلەن جياچىڭ مەزگىللىرى) بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن. مەشھۇر قاشتېشى بۇتخانىسى (باڭكوك ئوردا ئىبادەتخانىسى) مۇ ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (1784) ياسالغان.