Chinese→Uyghur主要词典
拉玛四世
دۇنيا تارىخى
راما Ⅳ
(1804 - 1868) ئىمپېراتور موككۇت ياكى كىڭ ماخا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىيام (ھازىرقى تايلاند) باڭكوك خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى (1851 - 1868). راما Ⅰ نىڭ نەۋرىسى. 27 يىل راھىب بولۇپ بۇددا تەتقىقاتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، دارمايۇ مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى بولغان. 1851-يىلى تەختكە ۋارىسلىق قىلغان، ياۋروپاغا تەقلىد قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، غەربكە ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، سىياسىي، ئىقىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتلەرە ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خادىملارنى ياللاپ ئىشلىتىش؛ سودا جەھەتتە فېئودال مونوپوللۇق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، گۈرۈچ ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى ۋە شېكەر سېتىۋېلىشنى مونوپول قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ يېڭى تىپتىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى قۇرۇش قاتارلىقلار. 1855-يىلى ئەنگلاىيە بىلەن تەڭسىز شەرتنامە ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان، 1856-يىلىدىن كېيىن يەنە ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەت بىلەن ئارقا - ئارقىدىن شۇنىڭغا ئوخشاش شەرتنامە تۈزۈپ، سىيامنى يېرىم مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان.