Chinese→Uyghur主要词典
拉玛迪埃
دۇنيا تارىخى
رامادىئېر
(1888 - 1861) فرانسىيە زۇڭلىسى (1947). دەسلەپتە ئادۋوكات بولغان. 1904-يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1928-يىلدىن باشلاپ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1938 - 1940-يىللىرى ئەمگەك مىنىستىرى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسىيىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1944 - 1945-يىللىرى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەمىنلەش مىنىستىرى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئەدىيە مىنىستىرى (1946 - 1967)، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى (1948 - 1849) ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1956 - 1957) بولغان. زۇڭلى بولغان مەزگىلىدە كوممۇنىستلارنى ھۆكۈمەتتىن قوغلاپ چىقىرىش پەرمانىغا ئىمزا قويغان ھەمدە <مارشالل پىلانى> نى قوبۇل قىلىشنى كۈچىنىڭ بارىچە تەرغىپ قىلغان. 1951 - 1952-يىللىرى خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى لاۋازىمەت ئورگىنىنىڭ باشلىقى بولغان