Uyghur主要词典
كۈنجۈت
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كۈنجۈت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، كۈنجۈتكە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، غولى تىك، تۆۋەندىكى قىسمى يۇمىلاق، ئۈستۈنكى قىسمى ئادەتتە تۆت قىرلىق كېلىدۇ. يوپۇرمىقىدا تۈكچىلىرى بولىدۇ، گۈلى ئاق، غوزا
مېۋىسىنىڭ قىرلىرى بار، يوپۇرمىقى كىچىك ھەم ياپىلاق، ئاق، قارا، سېرىق، قوڭۇر قاتارلىق ئوخشىمىغان رەڭلەردە بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ غوزىلىق مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
بەدەننى سەمرىتىش، سۈت ۋە مەنىينى كۆپەيتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش،
بوۋاسىر قېنىنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 15 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
كۈنجۈتنى شاراب بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، چايان، يىلان چاققان كىشىلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى كۈنجۈتكە تەڭ مىقداردا شېكەر، خەشخاش، يېرىم مىقداردا پوستى ئېلىنغان بادام مېغىزى، ئوندىن بىرىچە بىخ ئەبيەس
قوشۇپ، ھەر كۈنى 30 گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەننى سەمرىتىپ، باھنى كۈچلەندۈرۈپ، بۆرەككە ياغ پەيدا قىلىدۇ.
كۈنجۈتنى ئېزىپ، شىرىسىنى چىقىرىپ، ناۋات بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئالتە گرام كۈنجۈتنى ئۈچ گرام كۆيدۈرۈلگەن ياڭاق بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بوۋاسىرنىڭ قېنىنى يوقىتىدۇ.
كۈنجۈتنىڭ قاينىتىلغان سۈيىنى نوقۇت بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھامىلىنى چۈشۈرىدۇ.
كۈنجۈتنىڭ قاينىتىلغان سۈيىدىن 60 گرامنى 30 گرام شاراب ۋە ۋاسالغۇ چىلانغان سۈ، 51 گرام كۈنجۈت يېغى، 15 گرام رۇمبەدىيان بىلەن
قوشۇپ ناشتىدا ئىچىپ بەرسە، قاننىڭ ئۆزگىرىشى ۋە بەلغەمدىن بولغان قىچىشقاقنى يوقىتىپ، تېرىنى يۇمشىتىدۇ.
كۈنجۈت بىلەن لوئۇق تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەل ۋە كۆكرەك كېسەللىكى، ئۆپكىنىڭ يىرىڭلىق چاقىلىرى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت
قىلىدۇ.
كۈنجۈتنى زىغىر بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەپ، مەنىينى كۆپەيتىدۇ.
كۈنجۈتنى ئېزىپ شاراب بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، قۇلۇنجىنى يوقىتىپ، مۈڭگۈزلۈك يىلان چاققان زەھەرنى قايتۇرىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كۈنجۈت ئېلىمىزدىكى تۆت چوڭ مايلىق زىرائەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى بولۇپ، ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدىكى ماي مىقدارى 61% كە يېتىدۇ. ئېلىمىزدە قەدىمدىن تارتىپ كۈنجۈت ۋە كۈنجۈت مېيىدىن ئىشلەنگەن داڭلىق ۋە ئالاھىدە يېمەكلىكلەر ھەمدە ئېسىل نازۇ نېمەتلەر بار بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر بولۇپ كەلگەن.
ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا، غەربىي خەن دەۋرىدىكى جاڭ چيەن غەربىي رايونلاردىن ئۆتكەندە كۈنجۈتنى جۇڭگوغا ئېلىپ كەلگەنىكەن. ھازىرقى ئىلمىي ئاساسلارغا قارىغاندا كۈنجۈتنىڭ ئەسلىي ماكانى ئېلىمىزنىڭ يۈننەن - گۈيجۇ ئېگىزلىكلىرى ئىكەن. جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھىرى چيەن شەن ياڭدىكى يېڭى تاش قورال دەۋرىگە تەۋە خارابىلىك ۋە خاڭجۇ شۈيتيەنفەندىكى تارىختىن ئىلگىرىكى خارابىلىكتىن قەدىمكى كۈنجۈت ئۇرۇقى تېپىلغان بولۇپ، كۈنجۈتنىڭ يۇرتى جۇڭگو ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.
كۈنجۈت كۈنجۈت ئائىلىسىگە تەۋە بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىدە تىۋىت تۈكچىلىرى بولىدۇ. غولى تىك، ئېگىزلىكى تەخمىنەن1 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، تۆۋەن قىسمى يۇمىلاق، يۇقىرى قىسمى چاسا شەكىللىك بولىدۇ. ئومۇم گۈل رېتى چوققىسىدا ئۆسىدۇ، گۈلى يالغۇز گۈل بولۇپ، ئىككى - ئۈچى توپلىنىپ يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ. گۈلى كانايسىمان كالپۇك شەكىللىك بولۇپ، سۇس قىزىل، سۆسۈن ۋە ئاق رەڭلەردە بولىدۇ. سورتلىرى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇزۇن كانايسىمان غوزا مېۋىسىنىڭ قىر سانى4،6 ،8 قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەردە بولىدۇ. ئۇرۇقى ياپىلاق ۋە يۇمىلاق بولۇپ، ئاق، سېرىق، قىزغۇچ قوڭۇر ياكى قارا رەڭلەردە بولىدۇ. ئاق كۈنجۈتنىڭ ماي مىقدارى يۇقىرىراق بولىدۇ. قارا كۈنجۇتنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى ھۆللەشتۈرۈپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش جەھەتلەردە دورىلىق رولىغا ئىگە.
كۈنجۈت مېيى تەركىبىدە ئادەم تېنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ مىقداردىكى ماي كىسلاتالىرى بولۇپ، لىنولېئىك كىسلاتا مىقدارىلا %43.7 كە يېتىدۇ. بۇنى قىچا مېيى ياكى خاسىڭ مېيىنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا يۇقىرى. كۈنجۈتنىڭ غول، يوپۇرماق، گۈللىرىدىن ئاروماتىك مايلارنى چەككىلەشكە بولىدۇ.
جۇۋازدا چىقىرىلغان كۈنجۈت مېيىنىڭ خۇش پۇرىقى مەززىلىك بولغاچقا، خەلقئارا بازارلىرىدا بازىرى ئىتتىك بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۈنجۈتتىن ياسالغان كۈنجۈت بوتقىسى (زىماجياڭ) نىڭمۇ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولماقتا.
كۈنجۈت گۈلىدە ھەسەل بېزى بولۇپ، قىچا، قارا بۇغداي (ئۈچ قىرلىق بۇغداي)لار بىلەن بىرلىكتە ئېلىمىزدىكى ئۈچ چوڭ ھەسەل مەنبەسى زىرائەتلىرى دېيىلىدۇ. سۈپىتى جەھەتتە كۈنجۈت ھەسىلى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
بىئولوگىيە
كۈنجۈت ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇ بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، تۆت قىرلىق غولى تىك ئۆسىدۇ، شاخلانمايدۇ. قىسقا يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ ياكى ئۈستى تەرەپتىكى يوپۇرماق نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۇخۇمسىمان، چاسا يۇمىلاق ياكى تۆمۈنە شەكىللىك كېلىدۇ، ئىككىلا يۈزىدە تۈكچىلەر بولمايدۇ ياكى ئازراق يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ. گۈلى يالغۇز ياكى 2 - 3 دانىسى يوپۇرماق قولتۇقىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ؛ گۈل كاسىسى قىسمەن بىرلىشىدۇ، يېرىقچە ياپراقچىلىرى تۆمۈنە شەكىللىك بولۇپ يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ؛ گۈلتاجى نەيسىمان، ئاقۇچ سۆسۈن ياكى سارغۇچ شەپەقتەك بولىدۇ. غوزا مېۋىسى ئېللىپس شەكىللىك، كۆپىنچىسى تۆت، ئالتە ياكى سەككىز قىرلىق بولۇپ، ئۇزۇنىسىغا يېرىلىدۇ، قىسقا تىۋىت تۈكچىلىرى بولىدۇ، ئۇرۇقى كۆپ، رەڭگى قارا، ئاق ياكى سۇس سېرىق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى ئافرىقا بولۇپ، ھازىر جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە تېرىلىدۇ. ئۇ ئىسسىقنى خالايدۇ، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، ھۆلچىلىك ۋە قىراۋغا چىدامسىز. كۈنجۈت ماي ۋە ھەسەلنىڭ داڭلىق مەنبە ئۆسۈملۈكى. ئۇرۇقىدىن ماي تارتىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ ياكى سانائەتكە ئىشلىتىلىدۇ؛ ئۇرۇقى يەنە قۇۋۋەتلەندۈرگۈچى دورا ۋە پىرەنىكلەرنىڭ ماتېرىيالى قىلىنىدۇ؛ قوۋزىقىدىن سۈنئىي پاختا ياساپ چىپتا ۋە تاغار توقۇلىدۇ؛ غول، يوپۇرماق ۋە گۈلىدىن خۇش - پۇراق ماي ئايرىپ ئېلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بوتانىكا
كۈنجۈت ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. مۇھىم مايلىق زىرائەت ھېسابلىنىدۇ.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى. يېيىشكە ياكى ماي چىقىرىشقا بولىدۇ.