Uyghur主要词典
كۈنچى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەسەت قىلغۇچى.
<كۈنچى> كۆپرەك ئەر - خوتۇن ئارىسىدا بولىدۇ.
ھەسەتخورنىڭ كۆزىگە موگۇمۇ پالما دەرىخىدەك كۆرۈنەر. كۈنچىنىڭ كۈنى تەستە ئۆتەر. كۈنچىنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم ئەمەس. قىزغانچۇقنىڭ يۈزى قىزارماس. قىزغانچۇق ئەر بىلەن قىرچاڭغۇ ئاتنى خۇدا كۆرسەتمىسۇن. ئىتنىڭ بەختىنى كۆرەلمەس مۈشۈك كۆرەلمەيدۇ.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
(kuniqi ~ kurqi, kuinqi) - چەت تىلدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن ئۆلچەم بىرلىكى بولسا كېرەك. سانسىكرتچىدە kunqi غا يېقىن كېلىدىغان kunji دېگەن ئاتالغۇ بار بولۇپ، بىر kunji سەككىز سىقىمغا تەڭ. شۇڭا بۇ ئاتالغۇنىڭ سانسكرىتچىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا كىرىش ئېھتىمالى بار. (مۇھەممەترېىيىم سايىت، ئىسراپىل يۈسۈپ: <قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 242 - بەت)
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
دورا ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بىر كىمنى باشقىلاردىن كۈنلەيدىغان، كۈنداشلىقى كۈچلۈك.
سەن كۈنچى قىز، ئاخىرى چىدىماي مەن بىلەن ئۇرۇشقىلى كەپسەن - دە.