Uyghur主要词典
كرومۋېل
مەشھۇر شەخسلەر
1644 - يىلى7 - ئايدا، ئەنگلىيىنىڭ شىمالىدىكى مۇستون يايلىقىغا50 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن يىغىلغان بولۇپ، پارلامېنت ئارمىيىسى بىلەن پادىشاھپەرەسلەر قوشۇنى بۇ يەردە زور كۆلەملىك كەسكىن جەڭ قىلىۋاتاتتى. بىر پەس شىددەتلىك توپقا تۇتۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پارلامېنت قوشۇنىدىن بىر ئاتلىق قىسىم ھەيۋەت بىلەن ئېتىلىپ چىققىنىچە ئۇر - چاپ قىلىپ، قارشى تەرەپنى بىردەمدىلا تىرىپىرەن قىلىۋەتتى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا، پارلامېنت قوشۇنى دۈشمەننىڭ4000 دىن كۆپرەك ئادىمىنى يوقىتىپ،1500 دىن ئارتۇق ئادىمىنى ئەسىرگە ئېلىپ، نۇرغۇن قورال - ياراغنى ئولجا ئالدى. بۇ ئاتلىقلار قوشۇنىنىڭ قوماندانى دەل كرومۋېل ئىدى.
كرومۋېل (1599 −1658 - يىللار) ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بىر پومېشچىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان،29 يېشىدا ئەنگلىيە پادىشاھى چارلىز Ⅰچاقىرغان3 - نۆۋەتلىك پارلامېنت يىغىنىغا قاتناشقاندىن باشلاپ، فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمگە قارشى ئىنقىلاب داۋامىدا، چارلىز Ⅰنىڭ زوراۋانلىق سىياسىتىگە ئىزچىل كۈچلۈك زەربە بېرىپ كەلگەن. چارلىز Ⅰئىچكى ئۇرۇش قوزغىغاندىن كېيىن، ئۇ دېھقانلار ئاساس قىلىنغان ئاتلىق قوشۇن تەشكىللىگەن ھەمدە جەمەت قارىشىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئاددىي ئەسكەرلەر ئىچىدىكى ھەربىي تالانتى بار باتۇرلارنى تاللاپ ھەربىي ئەمەلدارلىققا تەيىنلىگەن. بۇ قوشۇن ئىنتىزامى چىڭ، جەڭ قىلىشقا ماھىر بولغاچقا، كۆپ قېتىملىق جەڭدە غەلىبە قىلىپ، «تۆمۈر ئاتلىق قوشۇن» دەپ ئاتالغان. ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە، پارلامېنت ئارمىيىسى ئۇدا مەغلۇپ بولغان. كرومۋېل قوماندانلىقىدىكى ئاتلىق قوشۇننىڭ مۇستون يايلىقىدىكى كاتتا غەلىبىسى پارلامېنت ئارمىيىسىنىڭ غەلىبىگە يۈزلىنىشىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، كرومۋېل بۇيرۇققا بىنائەن تۆمۈر ئاتلىق قوشۇننى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ يېڭى قوشۇن تەشكىللەپ، ئۇنى «يېڭى نەمۇنىلىك قوشۇن» دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ بىلەن، پارلامېنت ئارمىيىسىنىڭ كۈچى زور دەرىجىدە كۈچەيگەن.1645 - يىلى پارلامېنت ئارمىيىسى بىلەن پادىشاھپەرەسلەر ئارمىيىسى ناسبىي ئەتراپىدا تۇتۇشقان، كرومۋېل قوشۇنغا ماھىرلىق بىلەن قوماندانلىق قىلىپ، قارشى تەرەپنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك بىتچىت قىلىپ، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاساس سالغان.
ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى كۈرىشىدە، كرومۋېل ئاجايىپ ھەربىي تالانتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، كاتتا خىزمەت كۆرسەتكەن.1649 - يىلى1 - ئايدا، ئەنگلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى پادىشاھنى سوتلايدىغان135 كىشىلىك سوت تەشكىللىگەن، كرومۋېل بۇ سوتنىڭ ئالىي سوتچىلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ كاللىسىنى ئېلىشنى قەتئىي تەشەببۇس قىلغان.1 - ئاينىڭ30 - كۈنى، چارلىز Ⅰجازا مەيدانىغا يالاپ كېلىنىپ، كاللىسى ئېلىنغان. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، كرومۋېل دۆلەتنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى قولىغا ئالغان، ئەمما ئۇ ھەربىي مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئورنىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھەقىقىي دېموكراتىيىدىن ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويمىغان ھەمدە قوشنىسى ئىرېلاندىيىنى بويسۇندۇرۇپ ۋە تالان - تاراج قىلىپ، ئەنگلىيە، شوتلاندىيە ۋە ئىرېلاندىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ «قوغدىغۇچىسى» بولۇۋالغان. ئېنگېلس كرومۋېلنى ئەنگلىيە ئىنقىلابىدا «بۇ ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىغا روبېسپېر بىلەن ناپولېئوننىڭ ئوبرازى مۇجەسسەملەنگەن» دەپ ئوخشاتقان.
دۇنيا تارىخى
(1599 - 1658) 17 - ئەسىردىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئنقىلابى داۋامىدىكى بۇرژۇئا يېڭى ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنىڭ ۋەكىلى. مۇستەقىلچىلەرنىڭ يولباشچىسى. ئەنگلىيە بۇرژۇئا جۇمھۇرىيىتىنى بەرپا قىلغۇچى. يېزا مۆتىۋىرى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئىككى نۆۋەت لوندونغا بېرىپ قانۇن ئۆگىنىپ، كېيىن دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق فېرمىسى قۇرغان. 1628 - 1640 - يىللىرى ئىككى نۆۋەت پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1642 - 1648 - يىللىرىدىكى ئىككى قېىتملىق ئۇرۇشتا ئۆزىنىڭ ھەربىي تالانتىنى نامايەت قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <تۆمۈر ئاتلىق ئەسكەرلەر قوشۇنى> بىلەن يېڭى نەمۇنىلىك قوشۇننى باشلاپ، مارسىتون ۋە ناسبىي جەڭلىرىدە كورۇل قوشۇنىنى تارمار قىلىپ ھەمدە ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1648 - يىلى پارلامېنتتىكى ئاقساقاللار تەرەپدارلىرىنىڭ كۈچىنى تازىلاپ چىققان. 1649 - يىلى شەھەر پۇقرالىرى ۋە ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلارنىڭ بېسىمى بىلەن كورۇل چارلېس Ⅰ گە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن، 5 - ئايدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە باراۋەرچىلەر بىلەن يەر ئاچقۇچىلارنىڭ دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى باستۇرغان. 1649 - 1652 - يىللىرىدىكى شەخسەن ئۆزى قوشۇن باشلالپ ئېرلاندىيىگە يۈرۈش قىلىپ، ئېرلاندىيە مىللىي قوزغىلىڭىنى باستۇرغان، ئېرلاندىيە زېمىنىنى تالان - تاراج قىلغان. بۇ ئارىلىقتا 1650 - 1651 - يىللىرى شوتلاندىيىدىكى پادىشاھپەرەسلەرنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتقان. 1653 - يىلى ھەربىي مۇستەبىتلىك ھۆكۈمرانلىقنى تىكلەپ، دېكابردا ئۆزى <پروتېكتورات> بولۇۋالغان. سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىش ۋە مۇستەملىكە ھەمدە دېڭىزدىكى زوراۋانلىق ھوقۇقىنى تالىشىش ئۈچۈن، گوللاندىيە - ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىپ غەلىبە قىلغان.