Uyghur主要词典
كرومېرىز پارلامېنتى
دۇنيا تارىخى
19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى ئاۋسترىيە ئىمپېرىيە پارلامېنتى. 1848 - يىلى 10 - ئايدا ۋېنا قوزغىلىڭى پارتلاپ، پارلامېنت موراۋىيىنىڭ كرومېرىز شەھىرىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبور بولغان. ئاز سانلىق رادىكال دېموكرات پارلامېنت ئەزالىرى ۋېنادا قالغاندىن باشقا، كۆپ سانلىق چېخ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بىرگە كۆچۈپ كەتكەن. ئۇلار ۋېنا ئىنقىلابىغا قارشى تۇرۇش مەۋقەسىنى قوللىنىپ، ئاۋسترىيەنىڭ ھابسبۇرگ خاندانلىقىدىن چېخنىڭ مىللىي ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشقان. 1849 - يىلى 3 - ئايدا ئاۋسترىيە كورۇلى جوسېف Ⅰ تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن.