Uyghur主要词典
كروگېر دۆلەت باغچىسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
جەنۇبىي ئافرىقا (ئازانىيە) نىڭ مۇھىم ساياھەت مەركىزى. بۇ باغچا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ترانسىۋال ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالى بىلەن زىمبابۋې، موزامبىكلارنىڭ چېگرىداش يېرىگە جايلاشقان. مەيدانى 20 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ جاي 1898 - يىلى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئورنى قىلىپ ئېچىلغان، 1928 - يىلى دۆلەت باغچىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ باغچىدا شىر، پىل، ياۋا كالا، يىلپىز، نوسروگ، زىراپە، بېگېموت (دەريا ئېتى)، تاغ ئۆچكىسى ۋە مايمۇن، ھەرخىل ئۇچار قاناتلار بار.