Uyghur主要词典
كوممۇنىزم
دۇنيا تارىخى
پرولېتارىياتنىڭ بىر پۈتۈن ئىدىيىۋى سىستېمىسى (<ماركسىزم - لېنىنزم> غا قارالسۇن)، بىر خىل يېڭى ئىجتىمائىي تۈزۈم ھەمدە بۇ تۈزۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى رېئال ھەرىكەت. ئىجتىمائىي تۈزۈم سۈپىتىدە، ئىقتىساد، سىياسىي ۋە ئەخلاق قاتارلىق جەھەتلەردە يېتىلىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن، ئىككى باسقۇچقا يەنى تۆۋەن باسقۇچىتىكى سوتسىيالىزم جەمئىيىتى ۋە يۇقىرى باسقۇچتىكى كوممۇنىزم جەمئىيىتىگە بۆلۈنىدۇ. سوتسىيالىزم جەمئىيىتى كوممۇنىزم جەمئىيىتىنىڭ زۆرۈر تەييارلىقى، كوممۇنىزم جەمئىيىتى بولسا سوتسىيالىزم جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. <كوممۇنىزم جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدا، شەخسلەر ئىش تەقسىماتىغا قۇللارچە بويسۇنۇشقا مەجبور قىلىنغان ئەھۋال يوقىلىپ، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەك توغرىسىدىكى قارىمۇ قارشىلىقىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشپ يوقالغاندىن كېيىن ئەمگەك تىرىكچىلىك ۋاستىسىلا بولۇپ قالماي، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزى تۇرمۇشنىڭ بىرىنچى ئېھتىياجى بولغاندىن كېيىن شەخسلەرنىڭ ئەتراپلىق ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىمۇ ئۆسۈپ، كوللېكتىپ بايلىقىنىڭ بارلىق مەنبەسى تولۇق بولغاندىن كېيىن، پەقەت مۇشۇ چاغدىلا ئاندىن بۇرژۇئا ھوقۇقچىلىقىنىڭ تار نەزەر دائىرىسىدىن تامامەن ھالقىپ چىققىلى بولىدۇ، جەمئىيەت ئاندىن ئۆز بايرىقىغا مۇنداق دەپ يېزىپ قويالايدۇ: ھەركىم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەش، ھەر كىمگە ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىش!> (ماركىس: <گوتا پروگراممىسىغا تەنقىد>، ئۇيغۇرچە نەشرى، 24 - بەت) كوممۇنىزم جەمئىيىتى - ئىنسانلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ ئىلغار، ئەڭ ئەقىلغا مۇۋاپىق جەمئىيىتى. كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش - خەلقئارا پرولېتارىيات ۋە كەڭ ئەمگەكچى خەلق قىزغىن ئىنتىلىۋاتقان يۈكسەك غايە، پېرولېتارىيات پارتىيىسىنىڭ باتۇرانە كۈرەش قىلىدىشىكى ئەڭ ئاخىرقى نىشان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛فرانسوزچە
پەلسەپە
پرولېتارىياتنىڭ پۈتكۈل ئىدىيە سىستېمىسى.
ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ غايىۋى ئىجتىمائىي تۈزۈمى. ئۇ تەرەققىيات جەريانىدا ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. دەسلەپكى باسقۇچى سوتسىيالىزم، يۇقىرى باسقۇچى كوممۇنىزمدۇر. ئادەتتە دېيىلىۋاتقان كوممۇنىزم ئۇنىڭ يۇقىرى باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ باسقۇچتا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، ئىجتىمائىي مەھسۇلاتلار ئىنتايىن موللاشقان، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى ئاڭلىقلىقى يۈكسەك دەرىجىدە ئۆسكەن، ئەمگەك تۇرمۇشنىڭ بىرىنچى ئېھتىياجىغا ئايلانغان، ئۈچ چوڭ پەرق يوقىتىلغان، كوممۇنىستىك ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئورنىتىلغان ۋە ھەركىم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەش، ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ھەق بېرىش پرىنسىپى يولغا قويۇلغان بولىدۇ.