Uyghur主要词典
كوممۇنا ئەزالىرى تېمى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە پارىژدىكى پوپ لاشېز قەبرىستانلىقىدىكى بىر نام بولۇپ، پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم جەڭچىلىرى مۇشۇ يەردە قۇربان بولغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1871 - يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تەخمىنەن 200 نەپەر كوممۇنا جەڭچىسى 5000 نەپەر ۋېرسال ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن پوپ لاشېز قەبرىستانلىقىدا قانلىق جەڭ قىلغان. جەڭ چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە باشلىنىپ، كوممۇنا جەڭچىلىرى ھەربىر قەبرىنى ئۆزلىرىگە دالدا قىلىپ، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا قەيسەرلىك بىلەن زەربە بەرگەن. چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىدە، ۋېرسال ھۆكۈمەت ئارمىيىسى زەمبىرەك بىلەن قەبرىستانلىقنىڭ دەرۋازىسىنى پارتلىتىپ ئاچقان، ئىككى تەرەپ قەبرىستانلىقنىڭ ئىچىدە قۇچاقلاشما جەڭ قىلىشقان. كوممۇنانىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم جەڭچىلىرى قەبرىستانلىقنىڭ شەرقىي شىمالىي بۇرجىكىدىكى بىر تامنىڭ قېشىغا چېكىنىپ، ھەممىسى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان كېيىنكىلەر ئۇنى <كوممۇنا ئەزالىرى تېمى> دەپ ئاتىغان. 1880 - يىلدىن كېيىن ھەريىلى 5 - ئاينىڭ ئاخىرقى بىرھەپتىسى كۆپلىگەن ئەمگەكچىلەر بۇ يەرگە كېلپ تەزىيە بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.