Uyghur主要词典
كوممۇنىستىك شەنبىلىك خالىسانە ئەمگەك
دۇنيا تارىخى
سوۋېت ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئىشچىلار ئاممىسىنىڭ خالىسانە ئەمگەك قىلىش ھەرىكىتى. 1919 - يىلى 4 - ئاينىڭ ئىككىنچى شەنبە كۈنى (12 - كۈنى) موسكۋا - قازان تۆمۈريولى گۇرۇپپىلارغا ئايرىش پونكىتى پاراۋۇز ئىسكىلاتىدىكى 15 نەپەر كومپارتىيە ئەزاسى ۋە ئامما ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئالتە سائەت ھەقسىز ئەمگەك قىلغان. شۆبە ئىدارە ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى قارار چىقىرىپ، بۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان. 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئىدارە بويىچە تۇنجى قېتىم شەنبىلىك خالىسانە ئەمگەك قىلغان 205 نەپەر ئىشچى ئالتە سائەت ئىشلىگەن. تۆمۈريول ئشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىق روھى تېزلىك بىلەن ھەرقايسى ساھە ۋە ھەرقايسى كەسىپلەرگە كېڭەيگەن. 1920 - يىلى 5 - ئايدا تەرەققىي قىلىپ <پۈتۈن روسىيە شەنبىلىك خالىسانە ئەمگەك> ھەرىكىتىگە ئايلانغان. ئۇ كوممۇنىستىك ئەمگەك پوزىتسىيىسىنى نامايەن قىلىپ، سوتسىيالىستىك مۇسابىقىگە ئاساس سالغان. لېنىن ئۇنى <ئولۇغ باشلىنىش> دەپ ئاتىغان.