Uyghur主要词典
كۆز كىچىك بولسىمۇ كۆرىدىغىنى چوڭ
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، مەنسىتمىگەن، ئېتىبارغا ئېلىنمىغان ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ياراملىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى، كۈتمىگەن نەتىجىلەرنى يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: - ئۇنداق دېمەڭ، كۆز كىچىك بولسىمۇ كۆرىدىغىنى چوڭ، دېگەن گەپ بار. سىز ياراتمىغان كىشىلەرنىڭ قولىدىنمۇ چوڭ ئىشلار كېلىدۇ، -دېدى ئۇ ئېرىگە.