Uyghur主要词典
كۆز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
كۆز.
كۆرۈش قابىلىيىتى؛ كۆز قاراش، دۇنيا قاراش؛ نۇقتىئىينەزەر؛ پىكىر.
بىئولوگىيە
كۆرۈش سەزگۈ ئورگىنى. كۆز ئالمىسى ھەم ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەزالىرىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان. ئادەمنىڭ كۆز ئالمىسى شار شەكىللىك بولۇپ، ئۇنىڭ كەينى تەرىپى كۆرۈش نېرۋىسى ئارقىلىق مېڭىگە تۇتىشىدۇ ۋە كۆرۈش سەزگۈ ئورگىنىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. كۆز ئالمىسى يەنە كۆز ئالمىسى دىۋارى ۋە نۇر سۇندۇرۇش قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. كۆز ئالمىسى دىۋارى ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنۈپ سىرتقى پەردە (مۈڭگۈز پەردە، كۆز ئېقى )ئاقسىللىق پەردە(، ئوتتۇرا پەردە )رەڭدار پەردە، كىرپىكسىمان پەردە، تومۇرلۇق پەردە( ۋە ئىچكى پەردە )كۆرۈش تور پەردىسى( نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆرۈش تور پەردىسىگە كۆرۈش سەزگۈ ھۈجەيرىلىرى تارقالغان بولۇپ، يورۇقلۇق تەسىرىنى سېزەلەيدۇ ھەم كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ غىدىقلىنىشىنى ھاسىل قىلىدۇ. نۇر سۇندۇرۇش قۇرۇلمىسىدا كۆز سۈيى )سۈزۈك، سۇغا ئوخشاش سۇيۇقلۇق(، كۆز گۆھىرى ]خىروستالىك )قوش كۆپۈنكىلىك ئېلاستىك سۈزۈك تەنە([، ئەينەك تەنە )سۈزۈك، كوللوئىد قېتىشمىسىغا ئوخشاش ماددا( لار بار. ئۇ ئېنىق، سۈزۈك بولۇپ، ئورۇن ۋە شەكلى نورمال بولغاچقا، نۇر ئاسان ئۆتىدۇ ھەمدە سۇنۇپ فوكۇسلىنىدۇ )مۈڭگۈز پەردىمۇ نۇر سۇندۇرۇش رولىغا ئىگە(. ئادەم كۆزىنىڭ قوشۇمچە ئەزالىرى قاپاق )كۆزنىڭ(، بىرىكتۈرگۈچى پەردە، ياش ئاپپاراتى، كۆز مۇسكۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ ئاساسلىقى كۆز ئالمىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. قاپاق كۆزنىڭ ئالدى تەرىپىدە بولۇپ، ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى قاپاق دەپ ئايرىلىدۇ، يېپىلىپ - ئېچىلالايدۇ، ئۇنىڭ گىرۋەكلىرىدە كىرپىكلەر ئۆسكەن بولۇپ، كۈچلۈك نۇر تەسىرىدىن ۋە غەيرىي نەرسىلەنرىڭ كىرىپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ. بىرىكتۈرگۈچى پەردە بولسا، قاپاقنىڭ ئىچكى يۈزى ۋە كۆز ئېقىنىڭ سىرتقى يۈزىنى قاپلاپ تۇرىدىغان بىر قەۋەت نېپىز پەردە بولۇپ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ. نەملىكنى ساقلاپ كۆز ئالمىسىنىڭ سۈركىلىشىنى كېمەيتىش رولىغا ئىگە. شۇنداقلا مۈڭگۈز پەردىسىنى نەملەپ ئۇنىڭ سۈزۈكلۈكىنى ساقلايدۇ. ياش بېزى ئادەتتە ياش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ بىرىكتۈرگۈچى پەردىنى يۇيىدۇ، شۇنىڭدەك مۈڭگۈز پەردىنى نەمدەش، باكتېرىيىلەرنى تومۇزلاپ ياللۇغلىنىشتىن مۇداپىئەلىنىش رولىغىمۇ ئىگە. كۆز مۇسكۇلى كۆز چانىقىدا كۆز ئالمىسىنىڭ سىرتقى يۈزىگە ۋە ئۈستۈنكى قاپاققا يېپىشىپ تۇرىدۇ، كۆز ئالمىسىنى ئايلاندۇرالايدۇ. شۇنىڭدەك قاپاقانىڭ ئېچىلىپ - يېپىلىشىنى تەڭشەيدۇ. باشقا ھايۋانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات دەرىجىسى ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن كۆرۈش سەزگۈ ئورگىنى )كۆزى( نىڭ تۈزۈلۈشى ۋە مۇرەككەپلىك دەرىجىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلاردا يەنە باشقا تۈزۈلۈشلەر بولىدۇ، مەسىلەن قاسىراقلىقلار ۋە ھاشاراتلارنىڭ ئاددىي كۆزى، مۇرەككەپ كۆزى ۋە توپلانام كۆزى قاتارلىقلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى <ئانات> ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ كۆرۈش ئورگىنى.
كۆز ئېقى. كۆز قارىچۇقى.
ئى. كۆچمە. نەزەر، قاراش.
كۆز سالماق.
ئى. كۆرۈش قابىلىيىتى.
كۆزى ئۆتكۈر.
ئى. نەرسىلەرنىڭ كۆزگە ئوخشاش قىسمى ياكى تۆشۈكى، كامېرى.
ئۈزۈكنىڭ كۆزى.
ئى. نەرسىلەرنىڭ )كۆپىنچە خۇرجۇن كۆزدە تۇتۇلىدۇ( خالتىسىمان بىر بۆلىكى.
ئۇنىڭغىچىلىك توخۇلارمۇ تېرىقنى ئايرىپ، خۇرجۇننىڭ ئىككى كۆزىگە قاچىلاپ بوپتۇ.
ئى. كۆچمە. نىيەت، غەرەز.
يامان كۆز بىلەن قارىماق.
ئى. كۆچمە. ھەممىنىڭ نەزىرى چۈشىدىغان، ئەتىۋارلىنىدىغان ئادەم ياكى نەرسە؛ ئالدى، گۈلى، ئەڭ ياخشىسى، ئېسىلى سانائەت ئىدارىسى ناھىيىدىكى ئىدارىلەرنىڭ كۆزى.
مىق. ساناق سانلار بىلەن كېلىپ، نەرسىلەرنىڭ مىقدارى ياكى ھەجمىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاتماق بولۇپ قۇچقاچنى، چاقتى بىر كۆز ئەينەكنى.
ئى. كۆچمە. يول، ئامال، ئەپ.
ئىشنىڭ كۆزىنى بىلىدىغان ئادەم.
پايلاقچى، كۆزەتچى.
ئارقاڭدا كۆز بار دىققەت قىلغىن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
كۆز، كۆرۈش.