Uyghur主要词典
كۆرۈش سېزىمى
بىئولوگىيە
يورۇقلۇقنىڭ كۆرۈش سېزىمى رېتسېپتورلىرىنى غىدىقلىشىدىن كېلىپ چىققان سېزىم. يورۇقلۇق مەنبەسىدىن چىققان نۇر كۆزنىڭ نۇر سۇندۇرۇش سىستېمىسىدىن ئۆتۈپ كۆرۈش تور پەردىسىگە چۈشكەندە كۆرۈش تور پەردىسىدىكى يورۇقلۇق سەزگۈچى رېتسېپتورلارنى غىدىقلاپ قوزغىتىدۇ. قوزغىلىش يەنە كۆرۈش نېرۋىلىرى ئارقىلىق چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى گەجگە ياپرىقىغا كىرىپ كۆرۈش سېزىمىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ كۆرۈش سېزىمى يورۇقلۇقنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىنى ۋە رەڭگىنى ھەم جىسىملارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، يىراق - يېقىنلىقى ۋە شەكلى قاتارلىقلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئىنسانلارنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدە ئىككى خىل يورۇقلۇق سەزگۈچى ھۈجەيرىلەر، يەنى كۆرۈش تاياقچە ھۈجەيرىلىرى ۋە كۆرۈش كونۇس ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ. ئالدىنقىسى ئاجىز، يورۇقلۇققا سەزگۈر بولۇپ، كېچىسى كۆرىدىغان يورۇقلۇق سەزگۈچى ھۈجەيرىلەرگە كىرىدۇ؛ كېيىنكىسى كۈچلۈك، يورۇقلۇققا سەزگۈر بولۇپ، كۈندۈزى كۆرىدىغان ۋە رەڭ كۆرىدىغان يورۇقلۇق سەزگۈچى ھۈجەيرىلەرگە كىرىدۇ. توخۇغا ئوخشاش كۈندۈزى ھەرىكەتلىنىدىغان ھايۋانلارنىڭ كۆرۈش كونۇس ھۈجەيرىلىرى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ؛ چاشقانغا ئوخشاش كېچىسى ھەرىكەتلىنىدىغان ھايۋانلارنىڭ بولسا، كۆرۈش تاياقچە ھۈجەيرىلىرى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. ئادەم كۆزىنىڭ سېزىپ قوبۇل قىلالايدىغان يورۇقلۇق نۇرلىرىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى دائىرىسى تەخمىنەن 397 - 723 نانومېتىر (مىللىمىكرومېتىر) ئارىلىقىدا بولىدۇ.