Uyghur主要词典
كۆرۈشمەك
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئۈنۈم بەرمەك، پايدا قىلماق. مەسىلەن: بۇ كېسەلگە ھىچقانداق دورا كۆرۈشمىدى (بەزى جايلاردا «كىرىشمەك» دېيىلىدۇ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
<كۆرمەك> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
ئۇلار بۇ رەسىمنى قولدىن قولغا ئېلىپ كۆرۈشتى.
ئۇچراشماق، يولۇقماق.
مەن ئۇنىڭ بىلەن دائىم كۆرۈشۈپ تۇرىمەن. - * يەنە بىر كۆرۈشكۈچە ئامان بول! - دېدى ئۇ مەن بىلەن خوشلىشىپ.
ئۆزئارا قول ئېلىشىپ تىنچ - ئامانلىق سوراشماق، قول ئېلىشماق.
ئابلەت ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى قىزغىن كۆرۈشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
دىئال. ئۈنۈم بەرمەك، پايدا قىلماق.