Uyghur主要词典
كۆكلىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى توپىغا چۈشۈپ ئىسسىقنىڭ تەسىرىدىن بىخ سۈرمەك، شاخلىماق.
مۇۋەپپەقىيەت مەغلۇبىيەت تۇپرىقىدىن ئۈنەر. ۋاقتىدا تېرىلغان ۋاقتىدا كۆكلەر. يامغۇر بىلەن يەر كۆكىرەر، ئەمگەك بىلەن ئەر. كۆيگەن يەرنىڭ ئوتى تېز ئۆسەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر _ بىردىن ئايرىم نەرسىنى ياكى يىرتىلىپ، ئايرىلىپ كەتكەن نەرسىنى يىڭنە يىپ بىلەن قوشماق ۋە پۈتۈنلىمەك.
« تەپچىمەك »،« كۆكلىمەك » ئاراچ قالدۇرۇپ شالاڭ _ شالاڭ تىكىشنى، « شىرىماق » يول _ يول چىقىرىپ تىكىشنى كۆرسىتىدۇ.
شاكىچىك تىككەن توقۇمنىڭ ئالدى _ كەينىنىڭ پەرقى يوق. كىيىم تىكسەڭ، ئۆلچەپ تىك. چاپاننى تەپچىۋېلىپ، ئاندىن تىكسەڭ، تۈز چىقىدۇ. كۆكلىگەن يەر كۆرۈنمەيدۇ. يوتقان شىرىش بىر ھۈنەر.
شىۋىلەر
تىكمچىلەرنىڭ رەسمىي تىكىشتىن بۇرۇن بەلگە سېلىش ھىساۋىغا شالاڭ تىكىپ قويۇشى.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
ئاسمانغا كۆتىرىلمەك. مەسىلەن: گۈلەڭگۈچتە كۆكلەپ ئۇچماق، ئۇچار قاناتلار كۆكلەپ ئۇچماق - ئىگىز ئۇچماق؛ سەكرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يوپۇرماق چىقىرىپ، شاخلىرى بوي تارتىپ ئۆسمەك، كۆكەرمەك.
ئۆمۈر دېگەن بىر دەرەخكە ئوخشايدۇ، سۈيى، يېرى، پەرۋىشى جايىدا كەلسە، ئۇ كۆكلەيدۇ؛ بولمىسا قۇرۇيدۇ، يىقىلىدۇ.
كۆچمە. روناق تاپماق، راۋاجلانماق.
خېلىچىخاننىڭ ئۆلۈمى ئەمدىلا بەختىنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆكلەۋاتقان بۇ ئائىلىگە چوڭقۇر قايغۇ - مۇسىبەت ئېلىپ كەلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كىيىم - كېچەك، يوتقان - كۆرپە قاتارلىقلارنى قولدا يىڭنە بىلەن چوڭ - چوڭ ئىلىپ، ئاتلاپ - ئاتلاپ تىكمەك.
ئاپام چاپىنىمنىڭ يىرتىلغان يېرىنى بىر قانچە يەردىن كۆكلەپ تىكىپ قويدى.
ئاتلىماق، سەكرىمەك.
ئۇ ماڭا ئىككى كۆكلەپ يېتىۋالدى.
كۆچمە. ئەردىمەك، ئەزۋەيلىمەك.
ئۇ بارغانچە قاتتىق كۆكلەپ، ئاچچىق ئۈن سېلىپ يىغلايتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
سەي - كۆكتاتلارنىڭ كۆكىنى ئالماق.
چامغۇر كۆكلىمەك. سەۋزە كۆكلىمەك.