Uyghur主要词典
كۆكنار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئەپيۇن، كۆكنار:
مەلامەت قىلماڭىز ياران ئەگەر بولسام خەراباتى،
گەھى كىم يار كويىدا ئىچپمەن بادەئى كۆكنار.
نەۋبەتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئەپيۈن ئۆسۈملۈكى ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەپيۇنگۈلنىڭ غوزىسىنىڭ شىرنىسىدىن ياسىلىدىغان زەھەرلىك چېكىملىك.
1840 - يىلى لىن زېشۈي گۇاڭجۇدا ئەپيۇن كۆيدۇرگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەپيۇن ئۇرۇشى پارتىلىغانىدى. كۆكنارنىڭ كەينىگە كىرسەڭ كارامەت كۆرۈسەن. باغدادتىن تەرناك كەلتۈرگۈچە، يىلان چاققان ئۆلەر.
شىۋىلەر
ئەپيۇن.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئەپيۈنگۈل ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، ئەپيۈنگۈلگە ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، تېنى ئاق پاراشوكلۇق، يوپۇرمىقى ئۇزۇنچاق يۇمىلاق شەكىلدە. گۈلى قىزىل، ھال ياكى ئاق رەڭلىك بولىدۇ؛ مېۋىسى شار
شەكلىدە بولۇپ،تېخى پىشمىغان ۋاقتىدا پوستى تىلىپ قويۇلسا ئەپيۈن ئىشلەشكە بولىدىغان بىرخىل شىرنە ئېقىپ چىقىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پوستى، ئۇرۇقى، يىلتىزى ۋە تىلغاندىن كېيىن سىرغىپ چىققان
شىرنىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈك پىشقاندا پوستى، ئۇرۇقى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
مەست قىلىش، ئۇخلىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، كۆكرەكنى
يۇمشىتىش، مەنىينى كۆپەيتىش ۋە تۇتۇش، قان توختىتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغان بالىلارغا ئۇرۇقىدىن 1 ~ 15 گرام،
پوستىدىن 1 ~ 4 گرام، بەش ياشتىن 10 ياشقىچە بولغانلارغا ئۇرۇقىدىن 2 ~ 3 گرام، پوستىدىن 5 ~ 8 گرام، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا
ئۇرۇقىدىن 4 ~ 5.4 گرام، پوستىدىن 9 ~ 12 گرام، 15 ياشتىن يۇقىرى چوڭلارغا ئۇرۇقىدىن 5 ~ 6 گرام، پوستىدىن 13 ~ 16 گرام ئەتراپىدا
ئىشلىتىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى كۆكنار شىرىسىنى ئېزىپ، گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سىرتتىن ياغلاپ بەرسە، ئۇيقۇسىزلىق، مالىخولىيا، باش، كۆز،
قۇلاق ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۆكنار شىرىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، زىغىر يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، جىنسىي ئەزانى ياغلاپ بەرسە، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش ۋە
سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىشلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۆكنار شىرىسىنى خۇش پۇراق چايلار بىلەن قوشۇپ دەملەپ ئىچىپ بەرسە، قاتتىق ئاغرىق، ئۇيقۇسىزلىق، سەرسام، مالىخولىيا، ئىچ
سۈرۈش، تولغاق، دائىملىق نەزلىلىك زۇكام، يۆتەل، زىققە، باش، كۆز، قۇلاق ئاغرىقى، ئىسسىقتىن بولغان كونا قىزىتما ۋە دەۋرلىك قىزىتما،
خىلىتلار بۇزۇلۇش، چىش چۈشۈش، سۈيدۈك كۆپ ۋە ئېچىشىپ كېلىش، مەنىي كۆپ كېلىش، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش ۋە قۇلۇنجى ئاغرىقى
قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۆكنارنىڭ شاكىلىنى يۇمشاق سوقۇپ، سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ پېشانىغا قويسا، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.
كۆكنارنى شۇمشا ۋە گۇلاب بىلەن قاينىتىپ كۆزگە چاپسا، كۆزنىڭ يىرىڭلىق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۆكنارنىڭ غوزىسىنى چالا سوقۇپ، دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۆكنارنى قورۇپ ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
كۆكنارنى قورۇپ پۇرىقىنى پۇرىسا، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ.
كۆكنار يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا، جىگەر ۋە ئاشقازاندىكى قويۇق خىلىتلارنى سۇيۇلدۇرىدۇ.
يېڭى ئۈنگەن ئىنچىكە كۆكنارنى سۇ بىلەن قاينىتىپ ياغ، پىياز بىلەن قورۇپ ئىستېمال قىلسا، كىشىنى خۇرسەن قىلىپ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ
ۋە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كۆكنارنىڭ ئەسلىي ماكانى كىچىك ئاسىيا، ھىندىستان ۋە ئىراندۇر. ئېلىمىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئۆستۈرۈش مەيدانلىرىدا ئاز مىقدارىدا ئۆستۈرۈلىدۇ. كۆكنار ئادەتتە »ئەپيۈنگۈل« دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
كۆكنار ئەپيۈنگۈل ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن ئۆسۈملۈك توپى ئاچ يېشىل رەڭدە، يوپۇرمىقى ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىك بولۇپ، غولىنى ئوراپ ئۆسىدۇ. گۈلى يازدا ئېچىلىپ، شاخنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ. گۈلى چوڭ ھەم چىرايلىق، رەڭگى قىزىل، سۆسۈن ياكى ئاق رەڭلەردە بولۇپ، ئۈستىگە قاراپ ئېچىلىدۇ. گۈلى بالدۇر چۈشۈپ كېتىدۇ، مېۋىسى شار شەكىللىك غوزا مېۋە بولۇپ، ئىچىدە ئۇششاق ھەم نۇرغۇن ئۇرۇقلىرى بولىدۇ.
جۇڭيى تېبابىتىدە كۆكنار مېۋىسىنىڭ شاكىلى دورا قىلىنىدىغان بولۇپ، رېتسېپلاردا «خان گۈرۈچى پوستى» ياكى «كۆكنار پوستى»دەپ يېزىلىدۇ. ياز پەسلىدە «ئەپيۈن قىرىش»تاماملانغاندىن كېيىن ساپاق بېشى ۋە ئۇرۇقلىرى يىغىۋېلىنىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇلىدۇ، ئاندىن سىركىدە قورۇپ ياكى بالقاق قىلىنىپ دورا ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلىدۇ. ئۇرۇقى تەركىبىدە % 50ئەتراپىدا ماي بولۇپ، ياغ چىقىرىشقا بولىدۇ.
كۆكنار پوستىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى قىرتاق، زەھەرلىك بولۇپ، تەركىبىدە مورفىن، كودېئىن، ناركوتىن، پاپاۋېرىن قاتارلىق30 خىلدىن ئارتۇق ئالكالوئىدلار (ئۆسۈملۈك ئىشقارى) بولىدۇ. بۇلار ئاغرىق پەسەيتىش، يۆتەل توختىتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش دورىلىرى بولۇپ، ئۆپكىسى ئاجىزلاپ ئۇزۇنغىچە يۆتىلىپ توختىماسلىق، كۆكرەك - قورساق قوۋۇرغىلىرىنىڭ ھەر خىل ئاغرىشلىرى، ئۇزۇنغىچە توختىماي ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۆرەك ئاجىزلاشتىن زەئىپلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگىمۇ شىپا بولىدۇ.
كۆكنار مېۋىسىدە بىر خىل سۈتسىمان شىرنە بولۇپ، ئۇنى قىرىپ ئېقىتىپ قۇرۇتقاندىن كېيىن »ئەپيۈن«گە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە %10 مورفىن قاتارلىق ئالكالوئىدلار بولۇپ، قان تومۇرلاردىكى سىلىق مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىۋېلىشىنى يوقىتىدۇ ھەمدە يۈرەك مۇسكۇللىرىنى تورمۇزلاپ، يۈرەك سانجىقى، ئارتېرىيىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ. لېكىن، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە ئاسانلا خۇمار قىلىپ سوزۇلما خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بەدەنگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان سالىدۇ، نەتىجىدە ئادەم «ئەپيۈنكەش ئەرۋاھ»قا ئايلىنىپ قالىدۇ - دە، ئېغىر بولغاندا نەپەسلىنىش قىيىنلىشىپ جېنىدىن ئايرىلىدۇ. شۇڭا، ئېلىمىزدە كۆكنار تېرىش قاتتىق تىزگىنلىنىدىغان بولۇپ، دورا ئۈچۈن تېرىلغاندىن باشقا ئەپيۈن تېرىش بىردەك مەنئى قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
ئەپيۈنگۈل.
ئەپيۈنگۈلنىڭ غوزىسى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
كۆكنار؛ ئەپيۈنگۈل.