Uyghur主要词典
كۆكلەم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆت پەسىلنىڭ بىرىنچىسى، 21 - مارتتىن، يەنى نورۇز كۈنىدىن باشلىنىدۇ.
ئەتىياز پەسلى _ خۇشاللىق پەسلى، قىش ئازابىدىن قۇتۇلۇش پەسلى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ. باھارگۈل. باھار بايرىمى. بىر قارلىغاچ كەلگەنگە باھار بولماس. كۆكلەم بولدى، مال كۆكلەمگە چۈشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يەر - جاھان كۆكەرگەن، يېشىللىققا پۈركەنگەن پەيت؛ باھار، ئەتىياز.
ئۇلار كۆكلەم كېلىپ، يەر - جاھان ئويغانغاندا نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزدى.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، تۇردى سامساقنىڭ شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1957 - يىل 6 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا شائىرنىڭ 40 -، 50 - يىللاردا يازغان <كېڭەش>، <ۋەتەن قىزىغا>، <شائىر>، <توي>، <يىللار قوينىدا>، <كۆكلەم> قاتارلىق شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ شېئىر ۋە داستانلار توپلىمى بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1981 - يىل 10 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا شائىرنىڭ <بايرام تەنتەنىسى>، <ئۈچ غەزەل>، <خوتەن قەغىزى>، <ئەتلەسكە مۇخەممەس> قاتالىق شېئىرلىرى بىلەن <پولات>، <دوستۇمنىڭ خاتىرىسى> قاتارلىق داستانلىرى كىرگۈزۈلگەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
يېشىللىق، كۆكلەم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
باش باھار.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
يېشىللىق، بوستان، كۆچىلىك