Uyghur主要词典
كەنئانلار
دۇنيا تارىخى
پەلەستىن، سۈرىيە ۋەلىۋان دېڭىز بويى رايونلىرىدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالە، سېمىتلارنىڭ بىر تارمىقى. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرى ئەتراپىدا مۇشۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان. برونزا قوراللار مەدەنىيىتىنى ياراتقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅥⅩ ئەسىرگە كەلگەندە مىسىرنىڭ يېڭى پادىشاھلىقىغ بويسۇنغان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرى دەۋرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىگە كەلگەندە كۆچمەن قەبىلە خابلولار (ئېۋرىيلارنىڭ ئاتا - بوۋىسى) پەلەستىنگە بېسىپ كىرگەن ۋە كەنئانلار ئۇلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەتكىچە كۈرەش قىلىپم، ئاخىر بويسۇندۇرۇلغان. كەنئانلارنىڭ مەدەنىيىتى خابلولارغا خېلى تەسىر كۆرسەتكەن. كەنئانلار توغرىسىدىكى خاتىرىلەر قەدىمكى مىسىر ئابىدىلىرى ۋە <تەۋرات> لارغا يېزىلغان.