Uyghur主要词典
كەمىنە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تۆۋەن، ئەرزىمەس، پېقىر:
قەبۇل ئەتسەڭ تابۇقچىمەن كەمىنە،
تەرەھۇم قىل تابۇقچىلار كەمىنە.
لۇتقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ھەقىر، تۆۋەن دەرىجىلىك، كىچىك، ئەرزىمەس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
1 - شەخس كىشىلىك ئالمىشى، <مەن> ئەڭ ئومۇمىي، قالغانلىرى ئاز ئىشلىتىلىدۇ، كەمتەرلىك مەنىسى بار.
<بىز> ئالاھىدە ئەھۋالدا بىرلىك ساندا كېلىدۇ.
مېنىڭ ئىدى، سېنىڭ بولدى، سورىۋىدىم دورا بولدى. كەمىنىلىرى بۇ ئىشتىن بىخەۋەر ئىكەن. پېقىر بۇ يەرلىك ئەمەس، مۇساپىر. بىزنىڭ پىكرىمىز؛ بىزنىڭ خوتۇن. بىز ئەمدى تۆۋەندە مەۋجۇدادنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە سۆزلەيمىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
پارىسچە
باشقىلارغا بولغان ھۆرمەت، ئەدەپ ۋە كەمتەرلىك، كىچىك پېئىللىق يۈزىسىدىن <مەن> نىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان سۆز.
- كەمىنە يەمەن شەھىرىدىن بولىمەن، - دەپتۇ ھاتەم.