Uyghur主要词典
كەنت ئاقساقىلىنىڭ ھەيكىلى
چەت ئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى
بۇ بۇنىڭدىن4000 مىڭ يىل بۇرۇنقى ياغاچ ئويما ھەيكەل، ئۇ ئەسلىي قەدىمكى مىسىر شاھزادىسىنىڭ ھەيكىلى بولۇپ، قېزىۋېلىنغان ۋاقىتتا بىر دېھقان ھەيرانلىق بىلەن »ھوي! بۇ بىزنىڭ كەنتنىڭ ئاقساقىلى ئەمەسمۇ!« دەپ ۋارقىرىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ »كەنت ئاقساقىلىنىڭ ھەيكىلى« دەپ ئاتىلىپ قالغان.
بۇ ھەيكەلنىڭ ئېگىزلىكى بىر مېتىر بولۇپ، ئەنجۈر ياغىچىدىن ئويۇلغان، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى ياغاچ ئويما ھەيكەللەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەيكەلدە ئەينى زاماندىكى مىسىر يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنىڭ تىپىك ئوبرازى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن: بېشى يۇمىلاق، قورسىقى تۈز، تەمكىن تۇرۇشى ئۇنىڭ تۇرمۇشتا غەمسىز، باياشاتچىلىقتا ئۆتكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرسە، كۆزلىرى نۇرلۇق، كىبىرى ئۈستۈن، مەغرۇرانە ھالىتى بۇيرۇقۋازلىق خۇلقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ ئادىتى بويىچە، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن چوڭ - كىچىك تاش ئويما ۋە ياغاچ ئويما ھەيكەللەر ياسىلىپ بىرلىكتە دەپنە قىلىنىدۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە جەسەت چىرىپ كەتسە، بۇ ھەيكەللەر شۇ گۆرگە كۆمۈلگەن كىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ ھەيكەللەر ئۆلگۈچىنىڭ بەدەن شەكلى، چىرايى بىلەن ئوخشاش بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇ قەدىمكى مىسىر ھەيكەلتىراشلىقىنىڭ يۈكسەك رېئال تەسۋىرچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. كەنت ئاقساقىلىنىڭ ھەيكىلى دەل بۇ جەھەتتىكى داڭلىق ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قېزىۋېلىنىشى4000 يىل ئىلگىرىكى مىسىر سەنئىتىنى چۈشىنىش ۋە تونۇۋېلىشىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا ئۇ مىسىر قەدىمكى سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。