Uyghur主要词典
كەنجى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. پەرزەنتلەر ئىچىدىكى ئەڭ كېيىن تۇغۇلغىنى، ئەڭ ئاخىرقى پەرزەنت.
توختى ئاكامنىڭ كەنجىسى، 11 ياشلىق پەرىدە. بۇيىل تۆتتە ئوقۇيدۇ، نومۇرى يۈز ھەممىدە.
سۈپ. ھەممىدىن كىچىك، باشقىلىرىدىن كېيىن تۇغۇلغان.
سىيىت ئاكا كەنجى ئوغلىغا <تۇرسۇن> دەپ ئات قويۇپتۇ.
سۈپ. ئەڭ كىچىك، ئەڭ كېيىن تۇغۇلغان (ھايۋانلار ھەققىدە).
كەنجى قارلىغاچ. كەنجى ئاسلان.
سۈپ. نىسبەتەن كېيىنرەك تېرىلىدىغان، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پىشىدىغان (تۈرلۈك زىرائەتلەر ھەققىدە):
كەنجى قوغۇن. كەنجى قوناق.
ئى. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ياكى نۆۋەت، ئەڭ ئاخىرقى رەت.
تۇنجى قېتىم، ياق ئۇ كەنجىسى، كۈلۈمسىرەپ ۋىسال غۇنچىسى، بىز سۆزلەشتۇق ئۆتمەي بىر مىنۇت، باشقا تەگدى زالىم قامچىسى.
سۈپ. كۆچمە. دەرىجە، ئۇنۋان جەھەتتە تۆۋەن تۇرىدىغان، مەرتىۋىسى تۆۋەن، تۆۋەن دەرىجىلىك.
بىر پەستىن كېيىن كەنجى سەركەردە - سەرۋازلار ئىككى قاتارغا بۆلۈنگەن ھالدا كىرىپ كېلىشتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئوغۇللارنىڭ كىچىكى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ئوغۇللارنىڭ كىچىكى. باشقا شەكىللىرى: كەنجىباي، كەنجىتاي.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
كېيىن تۇغۇلغان