Uyghur主要词典
كەندىر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پوستىدىن تالا ئېلىنىدىغان ئۆسۈملۈك ۋە ئۇلاردىن ئېلىنغان تالا، يىپ.
لوپنۇر ناھىيىسىدە كەندىر زاۋۇتى قۇرۇلدى. لەگلەكنىڭ تانىبىنى تارت. لوپ چىگىسى- زور بىر بايلىق. تويغا بارساڭ تويۇپ بار، توقى تونۇڭنى كىيىپ بار.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كەندىر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، كەندىرگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، تاق جىنسلىق، تاتلىق، ئانىلىقى ئايرىم، يوپۇرمىقى ئالىقانسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق بولۇپ، كىچىك يوپۇرماقلىرى تىمىنە شەكىللىك،
گۈلى سۇس يېشىل، تالالىرىدىن ئارغامچا ئېشىشكە بولىدۇ، ئۇرۇقىدىن ياغ تارتىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى، يېغى، يوپۇرمىقى، يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈك پىشقاندا ئورۇۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، ئۇرۇقىنى سوقۇپ،
شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىن كۆپ چىقىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
ئاغرىق پەسەيتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي
تۇتۇش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، مەست قىلىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
گرام كەندىر ئۇرۇقىنى 20 گرام كىرەش، 12 گرام شاپتۇل
مېغىزى بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قەۋزىيەت، قېرى، ئاجىز، تۇغۇتتىن كېيىن تېنى ئاجىزلاپ كەتكەن كىشىلەرگە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
كەندىر يوپۇرمىقى ۋە ئۈجمە يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ باشنى يۇيۇپ بەرسە، چاچ چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كەندىر ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەيز كۆپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كەندىر ئۇرۇقىنى كالا سۈتى بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ.
كەندىر ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، ئادەتلەنگەن باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، تارتىشىپ
قېلىش، كۆكيۆتەل، جىگەر ئاغرىقى، قۇلۇنجى ۋە تېتانۇسقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كەندىر ئېلىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمكى تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان زىرائەتلىرىنىڭ بىرى. ئەجدادلىرىمىز ئاز دېگەندىمۇ5000 نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرىلا كەندىر تالالىرىدىن »ئارىلاشما كاناپ« لارنى توقۇغان.
كەندىرنىڭ ئەسلىي ماكانى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىلىرى بولۇپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. شۇڭا، چەت ئەللەردە كەندىرنى »خەنما (خەن خانىدانلىقى كەندىرى)« دەپمۇ ئاتىشىدۇ.
كەندىر ئۈجمە ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولىنىڭ تۈۋى قىسمى يۇمىلاق، ئوتتۇرا ۋە ئۇچى قىسمى چاسا شەكىللىك بولىدۇ. گۈلى بىر جىنسلىق بولۇپ، ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى ئايرىم تۈپلەردە ئۆسىدۇ. ئاتىلىق گۈل رېتى كونۇس شەكلىدە، ئانىلىق گۈل رېتى شارسىمان ياكى قىسقا باشاقسىمان بولىدۇ. مېۋىسى ئورۇق مېۋە بولۇپ، تۇخۇم شەكىللىك ھەم قىرلىق، ئۇرۇقى توق يېشىل رەڭدە بولىدۇ. ئاتىلىق تۈپ ئىنچىكە ئۇزۇن، تالاسى كۆپ، سۈپىتى ياخشى بولۇپ، بالدۇر پىشىدۇ.2 - ئەسىرلەردىلا شەرقىي خەن دەۋرىدىكى سۈي شى: كەندىرنىڭ ئاتىلىق تۈپ ۋە ئانىلىق تۈپ ئايرىمىسى بولىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە ئاتىلىق تۈپنى »ئەركەك كەندىر«، ئانىلىق تۈپنى »چىشى كەندىر« دەپ ئاتىغان.
كەندىرنىڭ غول قىسمىدىكى تالالار ئۇزۇن ھەم ئەۋرىشىم بولۇپ، كاناپ توقۇشقا، برېزېنت توقۇشقا، ئارغامچا ئېشىشكە ۋە تور توقۇشقىمۇ بولىدۇ. ئۇرۇقىدىن ماي چىقىرىپ سىر ۋە سۇۋالما ماتېرىياللىرىنىڭ خام ئەشياسى قىلىشقا، كۈنجۈرىسىنى يەم ‐ خەشەك قىلىشقا بولىدۇ.
كەندىرنىڭ مېۋىسىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ، ئۈچەي قۇرغاقلىشىش ۋە قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى ياخشى دورا ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يەنە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولىمۇ بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
ئۈجمە ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تالالىرى ئارغامچا ئېشىشكە بولىدۇ، ئۇرۇقىدىن ياغ تارتىلىدۇ، دورا قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئۈچەيلەرنى سىلىقلاش، تەرەت ماڭدۇرۇش رولىغا ئىگە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. سۇ چېچەك.