Uyghur主要词典
كەند
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كەنت، مەھەللە؛ قەلئە، قورغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاھالىسى كۆپ، سودا - سانائەت تەرەققىي قىلغان رايون؛ يېزىغا نىسبەتەن ئاھالىسى دېھقانچىلىق قىلمايدۇ.
ئەل ئامان _ شەھىرىڭ ئامان. تاشكەنت تاش شەھەر دېمەكتۇر. بېشبالىق ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ يازلىق ئاستانىسى ئىدى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوغۇزلار ۋە ئۇلارغا يېقىن يەردىكى خەلقلەرتىلىدا «يېزا - كەنت» دېگەن بولىدۇ، زور كۆپچىلىك تۈرك خەلقلىرى تىلىدا«شەھەر» دېگەن بولىدۇ. شۇنىڭدىن ئېلىنىپ، فەرغانە شەھىرىگە « ئۆز كەند» نامى بېرىلگەن. بۇ «ئۆز شەھىرىمىز» دېگەن بولىدۇ. يەنە شۇنىڭدەك « سەمىز كەند» مۇ چوڭ شەھەر بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. بۇنى پارسلار « سەمەر قەند» دەيدۇ.
1 - 448