Uyghur主要词典
كەنند
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كەنت، شەھەر.
شۇنىڭدىن ئېلىنىپ قەشقەر« ئوردۇ كەنند» دېيىلىدۇ. بۇ «خان تۇرىدىغان شەھەر، مەركەز» دېگەن بولىدۇ. چۈنكى، بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغانلىقتىن، ئافرا سىياپ شۇ يەردە تۇرغان. بۇ يەر تۆۋەنچىندۇر. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
كەلڭىزلەيۈ ئاقتىمىز
كەندلەر ئۈزە چىقتىمىز
فۇرخان ئەۋىن يىقتىمىز
بۇرخان ئۈزە سىچتىمىز
{كەلكۈن بولۇپ ئاقتۇق،
كەنتلەرنىڭ ئۈستىگە چىقتۇق،
بۇتخانىنى يىقىتتۇق،
بۇت ئۈستىگە چىچتۇق.}
ئۇيغۇرلارغا قارشى قىلىنغان جەڭنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ: ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كەلكۈندەك ئېقىپ باردۇق، شەھەرلىرىگە باستۇرۇپ كىردۇق، بۇتخانىلىرىنى بۇزدۇق، بۇتلىرىنىڭ ئۈستىگە چىچتۇق. مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتى شۇنداق، كاپىرلارنىڭ يۇرتىغا بېسىپ كىرگەندە، ھاقارەتلەش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇتلىرى بېشىغا تەرەت قىلىدۇ.
1 - 447