Uyghur主要词典
كەمتۈك
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
پۈتۈن ئەمەس، تولۇق ئەمەس.
پۈتۈن ، تولۇق
مۇكەممەل، كەم - كۇتىسىز.
ئەنجام تولۇق بولسا، ئىش پۈتۈن بولىدۇ. چالا - بۇلا ئىش قىلىش چاتاق ئىشقا ئېلىپ بارىدۇ. چالا - پۇچۇق ئىشتىن مەززە يوق. ئات ھارۋاڭ كەتسە كەتسۇن، غاڭزاڭنى چالا قاقما. خالتىنى تولۇق قاقما، تېگىدە ئازراق ساقلا. دوستلۇق ئايغا ئوخشايدۇ، تولۇق بولمىسا كەمتۈك بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بىرەر چېتى، لېۋى ياكى ئۇچى سۇنغان؛ ئۈزۈلگەن، كېسىلگەن، پۇچۇلغان؛ بىرەر جاي ياكى بىرەر تەرىپى كەم.
ئۇنىڭ بىر قۇلىقى كەمتۈك بولۇپ ساقايدى.
چالا، تولۇق ئەمەس؛ مۇكەممەل، راۋۇرۇس بولمىغان.
بەدىئىي ئەسەرلەردىمۇ كەمتۈك ئورۇنلار بولۇشى مۇمكىن.