Uyghur主要词典
كەم چىشلىقلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
<ئىدېنتاتلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۈرلىرى ئاز، شەكلى ئالاھىدە بولغان بىر تۈركۈم ئېمىتكۈچى ھايۋانلاردۇر. بەزىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي چىشى يوق (چۈمۈلىخور)، بەزى تۈرلىرىنىڭ كۈرەك چىشى يوق؛ بەزىلىرىنىڭ ئوزۇق چىشى بولسىمۇ لېكىن ناھايىتى كىچىك؛ ئېزىق چىشىنىڭ تۈزۈلۈشى ئاددىي، ئېمال ماددىسى يوق، چىش يىلتىزى تەرەققىي قىلمىغان، دىففېرېنسىيىلىنىشى روشەن ئەمەس. كۆپىنچىسى بىرلا چىقىدىغان چىش. تۆت پۇتىنىڭ ھەممىسى تىرناقلىق، بارماق سانى ئازايغان، ئاغزى (تۇمشۇقى) ئالدىغا ئۆسكەن. چوڭ مېڭىسى تەرەققىي قىلمىغان. چىشىسىدا ئاچىماق بالىياتقۇ ياكى مۇرەككەپ بالىياتقۇ بولىدۇ. بالا ھەمراھى چۈشمەيدۇ، تارقاق ياكى تاسما شەكىللىك. پەقەت جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكىغىلا تارقالغان. بۇ ئەترەتتە ھازىر ئۈچ ئائىلە 14 ئۇرۇقداش، تەخمىنەن 30 تۈر ساقلىنىپ قالغان. لېنۋېتىس ئائىلىسى (Bradipodidae)؛ دەرەختە ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ تۆت پۇتى تار ھەم ئەگرى ئاياغدىنلا ئىبارەت، بارماق سانى ئۈچتىن ئاشمايدۇ، دەرەخ يوپۇرمىقى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، تۆت پۇتى ئارقىلىق شاخلارغا تەتۈر ئېسىلىپ تۇرىدۇ، ھەرىكىتى ئاستا، چۈمۈلىخور ئائىلىسى (Myrmecophagidae)؛ ئالدى پۇتىنىڭ بەشىنچى بارمىقىدىن باشقا ھەممىسى ئىلمەك تىرناقلىق، كەينى پۇتى قىسقا، بەش بارمىقىنىڭ چوڭلۇقى ئوخشاش، تىلى شىلىمشىق بولۇپ، چۈمۈلىلەر ۋە ئاق چۈمۈلىلەرنى يېپىشتۇرۇپ تۇتۇپ يەيدۇ. ئارمادىل ئائىلىسى (Dasypodidae)؛ توپا كولاشقا ماھىر قۇرۇقلۇق ھايۋىنى. ئالدى پۇتىنىڭ بارماقلىرى ئۈچ - تۆت ياكى بەش بولۇپ، ئەگرى، ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولىدۇ. كەينى پۇتىدا تىرناقلىق بەش بارمىقى بار، بەدىنى سۆڭەك ماددىلىق تەڭگىچە پلاستىنكىلارغا ئورالغان. ئارىلاش ئوزۇقلىنىدۇ، گۆشىنى ئىستېمال قىلىشقا، تەڭگىچە پلاستىنكىلىرىدىن سېۋەت (كارزىنكا) قاتارلىقلارنى ياساشقا بولىدۇ.