Uyghur主要词典
كەمچەن
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
دانلىق ئاشلىقلارنى ئۆلچەيدىغان (كەملەيدىغان) ئۆلچەش قاچىسى. شەكلى چارەككە ئوخشايدۇ. ئادەتتە 10 ئوچۇم بىر كەمچەن كېلىدۇ. ئۇ يەنە شىڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
سۇيۇق نەرسىلەرنى ئۆلچەيدىغان يەنە بىر خىل كەمچەن بولۇپ، ھازىر ئۇ بىر كىلوگرام، 050 گرام ۋە 250 گراملىقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. ئۆتمۈشتە جۇۋازچىلار باشقىلارنىڭ مايلىق دانىلىرىنى تارتىپ بەرسە ئادەتتە بىر جۇۋاز ئۈگۈت ئۈچۈن بىر كەمچەن (ئىككى سەر) ماي ئىش ھەققى ئالاتتى.
مەھمۇت قەشقەرى كەمچەننى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: <كەۋجى - كەمچەن. قەشقەردىن تارتىپ بارلىق ئۇيغۇر ئېلىگە قەدەر بولغان جايلاردا ئاشلىق ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۆلچەم. بىر كەۋجى (كەمچەن) 10 رېتىل (بىر رېتىل 306 گرامغا تەڭ) تەڭ> (مەھمۇد قەشقەرى: <تۈركىي تىللار دىۋانى>، Ⅰ توم، 545 - بەت) دەيدۇ. شۇنداق بولغاندا قەدىمكى بىر كەمچەن 3060 گرام، يەنى 3.060 كىلوگرامغا تەڭ بولىدۇ. مەھمۇت قەشقەرى يەنە شاراپ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۇيۇق نەرسىلەرنى ئۆلچەيدىغان بىر خىل كەمچەننىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭ <بارت> (bart) دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
گۈرۈچ، زىغىر، قاتارلىق دانلىق ئاشلىقلارنى كەملەيدىغان ئۆلچەش قاچىسى. شەكلى چارەككە ئوخشايدۇ. ئادەتتە ئون ئۇچۇم بىر كەمچەن كېلىدۇ. <شىڭ> مۇ دېيىلىدۇ.
ئۆتمۈشتە جۇۋازچىلار باشقىلارنىڭ مايىق دانلىرىنى تارتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، تارتىلىدىغان مايدىن مانجا ئالىدىغان ئۆلچەملىك قۇتا. ئادەتتە بىر جۇۋاز ئۈگۈت تارتسا بىر كەمچەن (ئىككى سەر) ماي ھەق ئالاتتى.