Uyghur主要词典
كارلوۋىتس سۈلھ شەرتنامىسى
领域: دۇنيا تارىخىئاۋستىرىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن سۈلھ شەرتنامە. 1684 - 1697 - يىللاردىكى ئاۋستىرىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىدا، ئاۋستىرىيە قوشۇنى تۈركىيە قوشۇنىغا زەربە بېرىپ، تۈركىيىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبور قىلغان. شۇنىڭ بىلەن 1699 - يىل 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مەزكۇر شەرتنامە ئىمزالانغان. شەرتنامە بويىچە: ۋېنگرىيە، ترانسىلۋانىيە، كرودىيە ۋە سىلوۋېنسىيىلەرنىڭ ئاۋستىرىيە ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەۋە بولغان. ۋېنتسىيە ئاۋسترىيە تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقتىن، شەرتنامىگە ئاساسەن، مورىيە، دالماتسىيە ۋە گېرتسېگوۋىنانىڭ بىر قىسمىغا ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ياۋرۇپانىڭ ئەمەلىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئۆزگەرتىلگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。