Uyghur主要词典
كارگەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىشچى، خىزمەتچى.
تەسىرلىك، تەسىر قىلغۇچى:
ھەر مۇغەننىيكى، دەردمەندانەراق نەغمە چېكەر،
ئانىڭ زەخمەسى زەخملىك يۈرەككە كارگەرراق تىگەر.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىشچى، ئەمگەكچى؛ ئۈنۈملۈك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسمانىي ئەمگەك قىلىدىغان كىشى.
ئادەم سۆزىنىڭ چىن مەنىسى ئىشچى، دۇنيادا ئادەمنىڭ ئەلاسى ئىشچى. كارگەر ئىشتىن ھاردىم دېمەس.
شىۋىلەر
ئىشچى، تېخنىك، ھۈنەرۋەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. ئىشچى، تېخنىك ياكى ھۈنەرۋەن.