Uyghur主要词典
كارلفېلدت
دۇنيا تارىخى
(1864 - 1931) شۋېتسىيىلىك شائىر. كىچىك ۋاقتىدا يېزىدا تۇرغان. ئوپسالا ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. ئۇزۇن مەزگىل كۇتۇپخانا خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. ئەدەبىيات ئۇسلۇبى كۆركەم ۋە ئۆزگىچە بولۇپ، كۆپىنچە يېزا كۆرۈنۈشلىرى ۋە ئادەتلىرىنى تەسۋىرلىگەن، ئەنئەنىلەرگە ئېتىبار بەرگەن، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيگەن، <مۇھەببەت ۋە دالا ناخشىسى>، <دالارنا تام رەسىملىرى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ۋاپاتىدىن كېيىن (1931) ئۇنىڭغا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىلگەن.