Uyghur主要词典
كارامەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەتتىن تاشقىرى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش - ھەرىكەت، ھادىسە، نەرسە.
مۆجىزە كۆپ ھاللاردا بىتەلەيلىكتىن يارىتىلىدۇ. بازاردا مالىمان بولسا، جەلگۇر كارامىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئى. بىرەر ۋەقە ياكى ھادىسىنى ئالدىنئالا بىلىش.
ھوي، كارامەت كۆرگەندەكلا گەپ قىلىسەنغۇ؟
ئى. بىڭسى، گۇمپا، ماھارەت، كۈچ - قۇۋۋەت.
مەن سەندىن تېز يۈگۈرىمەن! قېنى كارامىتىڭ بولسا مەن بىلەن قۇرۇقلۇقتا بەسلىشىپ باق!
ئى. ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان، ھەيران قالارلىق ئىش، مەسىلە؛ مۆجىزە.
ئولتۇرۇپ تۇر، نېمە كارامەت بارلىقنى ئوقۇپ باققاندىن كېيىن بىلىمىز.
سۈپ. ئاجايىپ، قالتىس، ئالامەت، ھەيران قالارلىق.
پۈتكۈل باغ كارامەت خۇشاللىق تەنتەنىسى بىلەن تولدى.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
ئالىيجانابلىق، سېخىيلىق، ساخاۋەت ياكى مۆجىزە، مۆجىزىلىك بالا. كارامەت دېگەن ئىسىم كېيىنكى مەنىسىدە بەدىنىدە بىرەر غەيرىي بەلگە بىلەن تۇغۇلغان بالىلارغا قويۇلغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
شەرەپ، داڭ، ئېتىبار، ھەيۋەت، ئىپتىخار، مۆجىزە، مەردلىك