Uyghur主要词典
كاراك
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى پىيون - چىنلار قۇرغان كىچىك دۆلەت. <ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى. ۋېي پادىشاھلىق تەزكىرىسى. شەرقلىكلەر خاتىرىسى>دە پىيون - چىن گۇشېگو ياكى گۇشېخەنگو <ئۈچ پادىشاھلىق خاتىرە>دا جىنگۇەنگۇ دېيىلگەن، <ئۈچ پادىشاھلىق ئىش - ئىزلىرى> دا جيالوگو دېيىلگەن، جيايېگو دەپمۇ ئاتالغان، كۋاڭگا ئېتئو ئابىدىسىدە كاراك مىمانا دېيىلگەن. زېمىنى تەخمىنەن ھازىرقى كيوڭساڭ - نامدونىڭ كىمخاي دېگەن يېرىنىڭ ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ. ئالوجيايې (كيوڭساڭ - نامدونىڭ خامئەن دېگەن يېرى)، گۇنىڭجيايې (كيوڭساڭ - بۇكدونىڭ خامچاڭ دېگەن يېرى)دا، جيايې (كيوڭساڭ - بۇكدونىڭ گاۋلىڭ دېگەن يېرى)، شياۋجيايې (كيوڭساڭ - نامدونىڭ گۇچېڭ شەھىرى)، شڭشەن جيايې (كيوڭساڭ - بۇكدونىڭ شىڭجۇ دېگەن يېرى) قاتارلىقلار قوشۇلۇپ، ئالتە جيايې دەپ ئاتالغان. <ئۈچ پادىشاھلىق ئىش - ئىزلىرى. جيالوگو خاتىرىسى> دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پېشۋاسى توغرىسىدىكى رىۋايەتتە تۇنجى ئەۋلاد پادىشاھ جىن شۇلۇ تەخمىنەن مىلادى 42 - يىلى (كېيىنكى خەن گۇاڭۋۇدىنىڭ جيەنۋۇ 18 - يىلى) دۆلەت قۇرۇپ ئون ئەۋلاد، 490 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغانىكەن. سىللاغا قارشى قايتا - قايتا ئۇرۇش ئېلىپ بارغان، Ⅳ ئەسىردە ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 400 - يىلى كوگۇريو پادىشاھى كۋاڭگا ئېتئو قوشۇن ئەۋەتىپ، سىللانى بېسىپ ياتقان ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسنى قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، جەنۇبتىكى كاراك رايونىغا بارغان. 479 - يىلى جيايې خانى خېجى نەنچىگە ئەلچى ئەۋەتكەن. 532 - يىلى سىللا تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان، ئاخىرقى پادىشاھ جىن چۇخەي (<ئۈچ پادىشاھلىق ئش - ئىزلىرى>دا جىن چۇخېڭ دېيىلگەن، 521 - 532 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) تەسلىم بولۇپ، سىللا ئاقسۆڭىكى دەپ قارىلىپ، شىن جىنشى (كىمخاي جىنشى) دەپ ھۆرمەتلەنگەن؛ ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنىلا ئۆز دۆلىتى تەقىسم قىلىنىپ بېرىلگەن. سىللا مەدەنىيىتىدە كاراك مەدەنىيىتىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. ئاغ.