Uyghur主要词典
كارامان سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1256 - 1483) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىيلەر قۇرغان ھاكىمىيەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، كارامانلار تۈركىي قوۋمى ئىچىدىكى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئافسار قەبىلىسىدىن بولۇپ، ئىسلام دىنىغا بۇرۇن ئېتىقاد قىلغان، ئاناتولىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا ئولتۇراقلاشقان. ئەسلىي كونيانىڭ سالجۇقىيلار سۇلتانلىقىغا قاراشلىق دۆلەت بولغان. 14 - ئەسىردە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ، ئاناتولىيىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي كونترول قىلدى. 1390 - يىلىدىن 1403 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوسمانلى تۈركلىرى بۇ دۆلەتنى بىر مەھەل يۇتۇۋالدى. كېيىن تۆمۈرلەڭنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى بىلەن ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالدى. 1419 - يىلىدىن 1421 - يىلىغىچە مەملۇك سۇلالىسى بېسىۋالدى. كېيىن مۇستەقىللىقنى بېسىۋالدى. كېيىن مۇستەقىللىقنى يەنە ئەسلىگە كەلتۈردى. سۇلالىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ئىچكى جەھەتتە ھوقۇق تالىشىش باشقا چىقماي، ئاخىر ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلدى.