Uyghur主要词典
جىنناھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
«جەناھ» گە قاراڭ.
دۇنيا تارىخى
(1876 - 1948) پاكىستاننىڭ دۆلەت قۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. پاكىستاننىڭ تۇنجى باش ۋالىيىسى. كاراچىدىكى بىر مۇسۇلمان باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1892-يىلى ئەنگلاىيىدىكى لېنكولىن ئادۋوكاتلار شۆيۈەنىگە كىرىپ قانۇن ئوقۇغان. 1895-يىلى ئادۋوكاتلىق سالاھىيەتكە ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەنگلىيىنىڭ تۈۈمىنى تەتقىق قىلغان. نائوروجىغا ئەگىشىپ، ئۇزاق ۋاقىت ئۇنىڭ شەخسىي كاتىپ بولغان. 1896-يىلى ھىندىستانغا قايتىپ، بومبايدا ئادۋوكاتلىق قىلغا. 1906-يىلى ھىندىستان خلەق كونگىرېسى پارتىيىسىنىڭ كالكوتتا يىغىنىغا قاتناشقان، ھىندىستان مىلىي ھەرىكىتىگە ئاتلانغان. 1910-يىلى، بومباي مۇسۇلمانلىرى تەرىپىدىن مەركىزي قانۇن تۈزۈش كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1913-يىلى مۇسۇلمانلاr ئىتتىپاقىغا كىرگەن، 1916-يىلى ۋە 1920-يىلى ئىككى قېتىم رەئىس بولغان. ھىندى دىنى مۇرىتلىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقلىقى يولىدا كۈچ چىقارغان. كېيىن گەندىنىڭ ھەمكارلاشماسلىق پروگراممىسىغا قوشۇلمىغانلىقتىن، 1920-يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىققان. 1929-يىلى مۇسۇلمانلار مەركىزى قانۇن تۈزۈش كېڭىشىدە ئۈچتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق <14 نۇقتىلىق پىلان>نى ئوتتۇرىغا قويغان. 1930 - 1932 - يىللىرى لوندوندىكى يۇمىلاق جوزا يىغىنىغا قاتناشقان. 9341-يىلى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ مەڭگۈلۈك رەئىسى بولغان. 1940-يىلى، ھىندى دىنى مۇرتىرلىرى بىلەن مۇسۇلمانلار <ئىككى مىللەت> دېگەن پىكرىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە مۇستەقىل مۇسۇلمان دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 1947-يىلى 8-ئايدا ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئاپتونومىيىسىنىڭ باش ۋالىيىسى بولغان. ياندۇرقى يىل كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.