Uyghur主要词典
جىن كۈيجى
دۇنيا تارىخى
(1877 - 1952) چاۋشيەن جىڭجىداۋ ۋىلايىتىدىن. 1897-يىلى ئامېرىكدا ئوقۇغان. 1905-يىلى ۋەتنىگە قايتىپ كەلگەن. يەنشى مەكتىپىدە پروفېسسور بولغان، 1913-يىلى جۇڭگوغا قېتىپ كەلگەن. 1922-يىلى موسكۋاغا بېرىپ يىراق شەرقتىكى مەزلۇم مىللەتلەر يىغىنىغا قاتناشقان. <1919-يىلى موسكۋاغا بېرىپ يىراق شەرقتىكى مەزلۇم مىللەتلەر يىغىنىغا قاتناشقان. 1919-يىلى >كورىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت< نىڭ تاشقى ئىشلار باشلىقى سالاھىيىتى بىلەن چاۋشيەننىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى سۈپىتىدە پارىژىكى سۈلھ كېڭىشىگە قاتناشقان. شۇ يىلى مائارىپ باشلىقىلىق خىزمىتىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 1923-يىلى ئامېرىكا لارنوك داشۆسىدە قانۇنشۇناسلىق بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1935-يىلى جۇڭگونىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە دېموكراتىك ئىنقىلابىي پارتىيىسىنى تەشكللىگەن. كېيىنكى چاغلاردا جۇڭگونىڭ ېيپىڭ، نەنجىڭ ۋە سىچۇەن قاتارلىق جايلىرىدىكى داشۆلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1490-يىلى >كورىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى< گە مۇئاۋىن رەئىس بولغان. 1945-يىلى چاۋشيەن ئازاد بولغاندىن كېيىن جىنجۇ قاتارلىقلار بىلەن چاۋشيەنەە قايتىپ كېلىپ، موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسى توغرىسىدىك قارارىغا قارشى تۇرغان. ئوڭچىل كۈچلەرنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.1946-يىلى ئامېرىكا ئىشغالىيەتچى قوشۇنلىرىنىڭ مەسلىھەتچىلىك ئورگىنى >دېموركاتىك پالاتا< قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۇئاۋىن بالشىقى بولغان. كېيىن لويونخىڭ، جىنجۇ قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ سولچى ۋە ئوڭچى كۈچلەرنىڭ چوڭ بىرلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، لىسېناننىڭ جەنۇبىي چاۋشيەندە ئۆز ئالدىغا سايلىنىشىغا ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرغان. بىرلىككە كەلگەن ھۆكۈمەت قرۇپ چىقىش ئۈچۈن، 1948-يىلى 4-ئايدا جىنجۇ قاتارلىقلار بىلەن پخىنياندا ئېچىلغان جەنۇب ۋە شىمال ئىككى تەرەپنىڭ كېڭەش يىغىنىغا قاتناقان. لېكىن نەتىجە چىقىرىلمىغان. سىئولغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن لىسېنمان بىلەن سىياسىي كۆز قارىشى بىرلىككە كەلمەي تەركىدۇنيا بولۇپ كەتكەن.